تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ «جيايۈەن»گە كىردى ئاسمان - زېمىن كېڭەيدى

日期:2020年07月04日
来源:天山网
【字体:

ئاقتۇ ناھىيەسىدە:

تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ «جيايۈەن»گە كىردى ئاسمان - زېمىن كېڭەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىليۇ شياڭ

ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى كۇنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى كۆچۈپ كەلگەن ئامما ئولتۇراق رايون ئىچىدە ئارام ئالماقتا (6-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىئۆتكۈر نىجات فوتوسى

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تاغلىق يەر كۆلىمى %96تىن ئاشىدۇ. ئېگىز تاغ، تىك چوققىلار ئىلگىرى تاغلىق رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى توسۇپ قويغانىدى.

بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جاينىڭ ئادەملىرىنى باقالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى 2557 ئائىلىلىك 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ئارقا - ئارقىدىن تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، يېڭى تۇرمۇشقا ئاتلاندى.

تاغدىن شەھەرگىچە

ئاقتۇ ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن، تاغ ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى خۇددى خىلۋەتتىكى گۈزەل ماكاندەك كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

يېپيېڭى يول چىراغلىرى، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، ئاپئاق رېشاتكىلار، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنالارنىڭ ئالدىدىكى گۈل - گىياھلار... لەرزان قومۇز ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 6 - ئايدىكى قۇياش نۇرىدا، بۇ يەردىكى ھەممە گۈللەپ ياشناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بۇ ئولتۇراق رايوندا 77 ياشلىق ئابدۇبەگ مەمەتنى ئۇچراتتۇق، ئۇ كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، ئورۇندۇقتا خاتىرجەم ئولتۇرغانىدى. ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىۋاتقان مۇزىكا ساداسى بىردە راھەت بېغىشلىسا، بىردە ھاياجانغا سالاتتى، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىمۇ رىتىمغا ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇراتتى.

«ئىلگىرى تاغدا تۇرغاندا، شەھەردىكى ياشانغانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بەك تەلپۈنگەنىدىم. ھازىر، ئۆزۈممۇ ئاشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتىم» دېدى ئابدۇبەگ.

ئىلگىرى، ئابدۇبەگ تۇرمۇش كەچۈرگەن قىزىلتو يېزىسىنىڭ قاپقا كەنتى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاش ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۆي ئويماندا بولغاچقا زەي پۇراپ تۇراتتى. ئىچىدىغان سۇنى توشۇپ كېلەتتى، تاماقنى ئوتۇن قالاپ ئېتەتتى، تۇرمۇشىنى چارۋا بېقىشقا تايىنىپ قامدايتتى، يىل بويى ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى.

نەم مۇھىتتا تۇرغاچقا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئابدۇبەگ بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ئۆيدىن چىقالمايدىغان، بىر يەرگىمۇ بارالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. «تاغ ئېگىز ھەم تىك، يېشىم چوڭ، يەنە كېلىپ پۇتۇم ئاغرىيتتى، يىقىلىپ چۈشسەملا چاتاق چىقاتتى.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بىر ئۆمۈر تاغدا ياشاپ ئۆتۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئويلىغانىدىم، شەھەردىكى ئېگىز بىناغا كۆچۈپ كىرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئولتۇراق رايوندا مەكتەپ، يەسلى، مەدەنىيەت مەيدانى، سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، دۇكان قاتارلىقلار يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان، سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش، تور ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بۇ ئۆمرۈمدە تاغ ئارىسىدىن چىقىپ ياشىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى!» 2019 - يىلى 5 - ئاينىڭ بىر كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئابدۇبەگنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندا ئۇ يەنىلا ئازراق گاڭگىراپ قالدى. يېڭى ئۆيگە بېرىش يولىدا، ئۇ تاكى ئىشىكنى ئاچقانغا قەدەر ئاچقۇچنى چىڭ سىقىمدىۋالغانىدى.

ھازىر، سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا تاغ ئارىسىدىن كۆچۈپ چىققان 1170 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئولتۇرىدۇ، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئاشۇ پەيتتىن باشلاپ، ئۇلار يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

تۇرالغۇ مۇھىتى ياخشىلانغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە داۋالىنىپ كۈتۈنگەچكە، بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇبەگنىڭ بوغۇم ياللۇغى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. «ھازىر بالىلىرىمنىڭ خىزمىتى بار، پۇتۇممۇ يېنىكلەپ قالدى، بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەم كۈتۈنىمەن، تېخىمۇ گۈزەل كۈنلەر تېخى ئالدىمىزدا!» دېدى ئۇ خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي.

بېكىنىۋېلىشتىن ئېچىۋېتىشكىچە

تۇنجى قېتىم كۈن نۇرى چېقىپ ئويغانغاندا، ھاشىر تايىر تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنداق كۆنەلمەيمۇ قالمىدى. «ئىلگىرى كونا ئۆيىمىز تاغ جىلغىسىدا ئىدى، سىرتتا قۇياش پارلاپ تۇرغان بىلەنمۇ، ئۆي ئىچىگە كۈن چۈشمەيتتى» دېدى ئۇ.

ھاشىر ئىلگىرى نۇرغۇن ئىشلاردا، مەسىلەن، تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلىشىش، چارۋا باقماي قانداق پۇل تېپىش قاتارلىقلارغا كۆنەلمەسلىكىم مۇمكىن دەپ ئويلىغاچقا، دەسلەپتە ئۆي كۆچۈشكە ئانچە قىزىقمىغانىدى.

«سىناپ باقماي تۇرۇپلا قورقامسىز، ئەجەبا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ يەردە تارتقان جاپالىرى تېخى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟» خوتۇنىنىڭ گەپ - سۆزلىرى ھاشىرنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

2017 - يىلى 9 - ئايدا، ھاشىر ئائىلىسىدىكىلەر كۇنلۇن جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى تۇرالغۇغا ئورۇنلاشتى، ئۇلارغا يەنە پارنىك تەقسىم قىلىپ بېرىلدى، بۇ ئەسلىدە خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قاپىقى ئېچىلمىدى: «ئىلگىرى چارۋىلا بېقىپ باققان تۇرسام، كۆكتات تېرىشنى نەدىمۇ بىلەي!»

«تەربىيەلەيمىز، ئالدىرىماڭ» دېدى كەنت كادىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.

بىر قاتار تەربىيەلىنىشتىن كېيىن، ھاشىر تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلەپلا قالماي، تەربىيەچى مۇئەللىم ھەم كۇرسانتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

«ئىلگىرى تاغ جىلغىسىدا تۇرۇۋېرىپ كاللام قېتىپ قالغان ئىكەن. تاغ ئارىسىدىن چىقىپ، ئاندىن سىرتتىكى دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى بىلدىم.» ھاشىر ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەنمۇ تىرىشسام بولغۇدەك».

ھەر كۈنى كۆكتات پارنىكىدىكى ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن ھاشىرنىڭ قولى بوشاپ قالاتتى. بوش ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ مەھەللە تەشكىللىگەن ياغاچچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە تىزىملىتىپ قاتناشتى. بۈگۈنكى كۈندە، چۈشتىن بۇرۇن ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ، چۈشتىن كېيىن ياغاچچىلىق قىلىپ، ھاشىرنىڭ ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشتى، بۇ، ئۇنىڭ تاغدىكى ئاز كەم يېرىم يىللىق كىرىمىگە تەڭ ئىدى.

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھاشىر ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئولتۇراق رايونغا بېرىپ مەكتەپتىن قايتقان بالىسىنى ئالدى. «ئىلگىرى تاغدا مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن نەچچە كىلومېتىر تاغ يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر مەكتەپ ئىشىكىمىز ئالدىدىلا.» ئۆيىگە قايتىۋېتىپ ھاشىر بالىسىغا مۇنداق دېدى: «ھازىر شارائىتىمىز مۇشۇنداق ياخشى، ئوبدان قەدىرلىشىڭ كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنسەڭ، كېيىن تېخىمۇ يىراق جايلارغا بارالايسەن».

چارۋىچىدىن ئىشچى بولۇشقىچە

چارلۇڭ يېزىسى قايىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئايگۈل تۇردەمەت 30 ياشقا كىرگىچە ئىزچىل پامىر ئېگىزلىكىدە ياشىغانىدى، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، قوي - كالا باقاتتى.

«سىرتقى دۇنيا تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، لېكىن تاغدا ياشايدىغان بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى» دېدى ئايگۈل.

2018 - يىلى، ئايگۈل ئاخىر سىرتقى دۇنيا بىلەن «ئۇچرىشىش» پۇرسىتىگە ئېرىشتى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، 80 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆيدە تۇردى.

بالىلار بارا - بارا چوڭ بولدى، بۇ دەل پۇل خەجلەيدىغان چاغ. قوي - كالىلارنى بىرلەشتۈرۈپ بېقىشتىن ئايرىلغان پايدىغىلا تايانسا تۇرمۇشنى قامداشقا ھەرگىز يەتمەيتتى. ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغان ئايگۈل بۇلارنى ئويلاپ غەمگە پاتتى.

مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەھەللە ئاقتۇ جۇڭيىنتۇڭ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى بۇ جايدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرۇشقا كىرگۈزدى.

«مەھەللە كادىرلىرى مېنى زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، زاۋۇت ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا بولغاچقا، ھەم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىكەنمەن، ھەم پۇل تاپالايدىكەنمەن.» پىراكتىكا مەزگىلىدىن كېيىن، ئايگۈل رەسمىي كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، تىڭشىغۇچ قۇراشتۇرۇشقا مەسئۇل بولدى، ھەر ئايدا 2000 يۈەن كىرىم قىلدى. ھازىر، سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا 200گە يېقىن ئادەم زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەۋاتىدۇ.

6 - ئايدىكى ئاقتۇ ئاپتاپتا ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى، سىلۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى شىنجاڭ خېباڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدىكى قوتاندا، مۇرات جاپپار بورداۋاتقان كالىلارغا يەم بېرىش، سۇ بېرىش، چىۋىن يوقىتىشتەك ئىشلارنى چەبدەسلىك بىلەن قىلىۋاتاتتى. گەرچە تەرلەپ كىيىمى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ غەيرىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇراتتى.

مۇرات ئايگۈلنىڭ ئېرى بولۇپ، بۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئايلىق مۇقىم مائاشى 3000 يۈەن بولدى. «كالا بېقىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا كونا كەسىپ، يايلىتىپ بېقىشتىن كۆپ ئاسان.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىزمەتچى بولسا كىرىم مۇقىم بولىدىكەن، كۆڭۈلمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالىدىكەن».

ئەر - خوتۇن بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. ئايگۈل ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، بۇلتۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ھازىر چوڭ قىزى ئىچكىرى رايوندىكى داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئىككى ئوغلى ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار.

«بىللە ئىشلەيدىغان ئاچا - سىڭىللار بۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان خېلىلا چىرايلىق بولۇپ كەتتى، كۆپچىلىك بىللە بېرىپ چېچىمىزنى بۈدۈر قىلدۇق، گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىۋالدۇق.» ئايگۈل مۇنداق دېدى: «پەقەت پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، ئاندىن دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلەيمىز، يېڭىچە تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز».