85 ياشلىق «گۈل موماي» كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش «گۈل»لىرىنى تېرىدى

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ لۇخەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى شوركۆلئېرىق كەنتىدىكى 85 ياشلىق زەينەپخان كېبىر ھاسىغا تايىنىپ گۈل-گىياھ پارنىكىدا تۇراتتى، بايلىق دەرىخى، تىنچلىق دەرىخى، ئەتىرگۈل قاتارلىق 30 نەچچە خىل گۈلبۈك-باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ھەممىسى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن، خېرىدارلارزاكاز قىلىپ، نەپىس ئوراپ-قاچىلانغان ساندۇق-ساندۇق گۈل-گىياھلار قۇرۇق يەرگە رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەنت ئاھالىسى ھاۋاخان گۈللەرگە سۇ قۇيۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«موماينىڭ بىكار تۇرغۇسى كەلمىدى، يىقىلىپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بولسىمۇ،پارنىكقا كېلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۈل بېقىشنى ئۆگەنگىلى بىر يىلدىن ئاشتى، مەن تېخنىكىنى پىششىق ئۆگىنىپ بولغاندا، ئۆيدە پارنىك ياساپ، گۈل يېتىشتۈرۈپ پۇل تاپىمەن» دېدى 2019-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ھاۋاخان.

گۈل يېتىشتۈرۈپبېيىش يولىنى ئېچىش

زەينەپخان پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن كەنتتە ئاياللار مۇدىرى ئىدى، ئۇ گۈل يېتىشتۈرۈشنىياخشى كۆرەتتى. 2002-يىلى زەينەپخان گۈل ساتىدىغان بىر لاۋبەن بىلەن تونۇشۇپ قالدى. «ئۇلار ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن گۈل يېتىشتۈرۈپ، گۈل ساتىدىكەن، ھەرخىل گۈللەر بىلەن ھويلىسىنى زىننەتلەپ چىرايلىق قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇ ھويلامنى شۇنداق قىلىشنى ئويلاشتىم» دېدى ئۇ.

ناھىيە بازىرى زەينەپخاننىڭ ئۆيىگە 40 كىلومېتىر كېلەتتى، ئۇ دائىم ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ تەشتەك-تەشتەك گۈللەرنى ئەكىلەتتى، ئۇ ئەڭ دەسلەپتە ئەتىرگۈل باقتى. «مەن گۈل ساتىدىغان كىشىگە ئەگىشىپ قەلەمچە تىكىشنى ئۆگەندىم، بىر تەشتەك گۈل نۇرغۇن تەشتەك گۈل بولۇپ كەتتى» دېدى ئۇ.

2005-يىلى، زەينەپخاننىڭ ئۆيىدىكى گۈل تۈرى ئون خىلغا يېقىنلاشتى، بۇ گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن تىككەن ياكى كۆچۈرۈپ تىككەن ئىدى، ئەتراپتىكى قوشنىلىرى ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ گۈل ئالدى، «دەسلەپتە كۆپچىلىككە سوۋغا قىلدىم، كېيىن ئۇلار بىكارغا ئېلىشتىن خىجىل بولۇپ، ماڭا بىر نەچچە يۈەن بەردى، شۇنداق قىلىپ مەندىن گۈل سېتىۋالىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بىر ئايدا گۈل يېتىشتۈرۈشتاپقان كىرىمىم مىڭ يۈەندىن كۆپ بولدى».

شۇنىڭدىن كېيىن، زەينەپخان ھويلىسىدا ئاددىي پارنىك ياسىدى، بۇ يەردە200 تەشتەك گۈل باققىلى بولاتتى.

پارتىيە ئەزاسى باشلامچىلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى

2015-يىلى، زەينەپخاننىڭ ئېرى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىخىزمەت قىلغاچقا، ئىشتىن چۈشكەندىلائاندىن ئۇنىڭغا ياردەملىشەلەيتتى، ئۇ گۈل بېقىشقا ئادەميېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، پەرزەنتلىرى ئۇنى دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ گۈللەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى، شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنىئۆزىنىڭ گۈل يېتىشتۈرۈشىگەياردەمگە چاقىردى. «مەركەزلەشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىدىغان چاغدا، ئۇلار بىر كۈن ئىشلىسە،ھەربىرىگە 100 يۈەن بەردىم، كۆپچىلىكمۇ خۇشال بولدى» دېدى ئۇ.

ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىسى خەلچەم ھاسان بىلەن مېھرىگۈل ئەبەيدۇللا ھەر ئايدا زەينەپخاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ گۈل يېتىشتۈرەتتى، «ھەرئايدا 600 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز، بىكار ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق. موماي بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىزنى دائىم ئىلھاملاندۇرىدۇ، ئۇ بىزگەئىشچان بولساقكۈنلىرىمىزياخشى ئۆتىدۇ، دەيدۇ» دېدى خەلچەم.

2019-يىلى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، زەينەپخاننىڭ ئارقا ھويلىسىغا يەنە ئىككى پارنىك سېلىندى. «پارنىكتا گۈل يېتىشتۈرگەندە، تۆت پەسىلنىڭھەممىسىدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغائىش ئورنىتەمىنلىگىلى بولىدۇ، ھەرئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ،پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەنمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشسامكەن دەيمەن» دېدى ئۇ.

يېقىندىن بۇيان، زەينەپخاننىڭ داشۆنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان نەۋرىسى شەھىدە ئەخمەت پارنىكتا ئىزچىل مومىسىغا ياردەملىشىپ گۈل يېتىشتۈردى، مومىسىنىڭ ھاسىغا تايىنىپ يۈرۈپمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە گۈل يېتىشتۈرۈشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنىكۆرۈپ تەسىرلەنگەن شەھىدە: «مومام تېتىك، ئىشچان، گۈزەللىكنى،گۈلنىسۆيىدۇ، مومام دائىم<بىر كۈن ياشىساقشۇ بىر كۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك> دەيدۇ، مومامئۆزى ياخشى كۆرگەنگۈللەرنى بىر ئۆمۈر ئۆزىگەھەمراھ قىلىپ كەلدى، ھازىر يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، مەن مومامدىن پەخىرلىنىمەن»دېدى.