بېيجىڭ يەنچىڭ: «خۇشپۇراق» كەسپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دېھقانلار يەنچىڭ رايونى داجۇاڭكې يېزىسىدىكى خۇشپۇراقلىق ئوت پارنىكىدا ئىشلىمەكتە.

شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ يەنچىڭ رايونى داجۇاڭكې يېزىسى كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خۇشپۇراقلىق ئوت ئۆستۈرۈش كەسپىنى كىرگۈزۈپ، تۆۋەن كىرىملىكئائىلىلەرنى خۇشپۇراقلىق ئوت ئۆستۈرۈشكەقانات يايدۇردى.

ھازىر، داجۇاڭكې يېزىسىنىڭ خۇشپۇراقلىق ئوت ئۆستۈرۈشۋە خۇشپۇراقلىق ئوت يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 500 موغا يېقىنلىشىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى يۈزگە يېقىن يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سورت يېتىشتۈرۈش، مايسا ئۆستۈرۈش، ماي پىششىقلاپ ئىشلەشتىن ئىبارەت خۇشپۇراق ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاغلىق يېزىلاردىكى «خۇشپۇراق» بېيىش كەسپىگە ئايلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى