شايار ناھىيەسى: قىزىل گۈل، يېشىل يوپۇرماقلار بېيىش يولىنى ئاچتى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزپەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرجاڭ ئەيلۇڭ خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرلار شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى يېڭى مەھەللە بازىرى يېڭى يابۇلاق كەنتى ئاھالىسى راخمان زايىتنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېشىللىقنى كۆردى، پارنىكتىكى ھەرخىل گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، راخمان زايىتنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. دەسلەپتە، راخمان زايىتھۇزۇرلىنىش ئۈچۈنگۈل يېتىشتۈرۈپ، ھويلىسىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ بېزىمەكچى بولغانىدى. لېكىن ئۇگۈل يېتىشتۈرۈشئارقىلىقبېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

2014-يىلى، راخمان زايىت ئائىلىسى نامرات ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. «<نامرات ئائىلە> دېگەن بۇ قالپاق بەك نومۇسلۇق، پۇت-قولۇم، ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىم بار، چوقۇم تىرىشىپ كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ، تېزلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىدىم» دېدى راخمان زايىت. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىككىمولا يېرى بار، ھەممە يەرگە لازا تېرىغاچقا، كىرىمىمۇچەكلىك ئىدى. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى جايلارداتۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىقانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئائىلىنىڭ گۈل سېتىۋېلىپ ھويلا-ئارانلىرىنى تۈزەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

«ئەگەر بەزى يېڭى سورتلىق گۈل ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىيېتىشتۈرسەك، چوقۇم ئۆز جايىمىزدا بازار ئاچالايمىز» دېدىراخمان زايىتئەستايىدىل كۆزەتكەندىن كېيىن خۇلاسىلەپ. ئۇ گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، يەنىلا ئۆزقىزىقىشى بويىچە مۇشۇكەسىپنى قىلىشنى قارار قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن، راخمان زايىت دوستى ئارقىلىق كۇچا شەھىرىدىكى بىر گۈل يېتىشتۈرۈش چوڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ تېخنىكا ئۆگەندى. بىر ئايدىن كۆپرەك ئۆگىنىش ئارقىلىق، راخمان زايىت گۈل يېتىشتۈرۈش ماھارىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خوتۇنى بىلەن بىر پارچە يەرنى تۈزلەپ ئەگمە پارنىك ياساپ، گۈل يېتىشتۈرۈشنىباشلىدى.

«گۈللەرنىڭ ياخشى ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتتا بازارغا ئاپىرىپ ساتتىم ھەم خېلى كۆپ پۇل تاپتىم. ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن،كەنتكە <نامراتلىق قالپىقى>نى ئېلىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلدىم ھەمدەتىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش يارىتالايدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشەندىم»دېدى راخمان زايىت مۇخبىرلارغا.

لېكىن، گۈل يېتىشتۈرۈشيولى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. راخمان زايىت بىلەن خوتۇنى قىش كۈنلىرى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ مەشكە ئوت قالاپپارنىكنى ئىسسىتتى، ياز كۈنلىرىيۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پارنىكتىكى گۈللەرنى سۇغىرىپدورا چاچتى، يەنە بەزىدە گۈللەرگە كېسەل تەگسە،مەخسۇس كىتابتىن ئىزدىدى ياكى گۈل باققۇچىلاردىن مەسلىھەت سورىدى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا، راخمان زايىتنىڭ گۈل يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«راخمانئاكا، بىز ئىككى تەشتەك گۈل سېتىۋالغىلى كەلدۇق...» ئەمدىلىكتە، ھەر كۈنى ئىستېمالچىلار راخمان زايىتنى ئىزدەپ كېلىپگۈل سېتىۋالىدىغان بولدى، ئۇ جەمئىي 30 نەچچە خىل گۈل سورتىنى تېرىپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، گۈل سېتىش كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇردى.

راخمان زايىت مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە گۈل تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن. 300 كىۋادرات مېتىرلىق پارنىك ياساپ، يېڭى سورتلىق گۈللەرنى كىرگۈزۈپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى راخمان زايىت.