شىخو شەھىرى: خاس يېمەكلىكلەرنىڭ خۇش ھىدى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش غەيرىتىنى ئاشۇردى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزلى يەنرۇڭخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسى چىغلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى راخمان ئەمەت ئائىلىسىدىكىلەر نان يېقىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىدى.

راخمان ئەر-خوتۇن نان يېقىۋاتقىلى تۆت يىلدىن ئاشتى، ئوتۇنغا قاقلاپ پىشۇرۇلغان نان مەززىلىك ھەم چۈرۈكلىكى بىلەن داڭلىق، ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىر كۈندە 100 نان ياقسىمۇ، ھەممىسىنىڭ مۇقىم خېرىدار مەنبەسى بار بولغاچقا، سېتىلىشتىن غەم قىلمايدۇ.

راخمان بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانچىلىق ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىنى باقاتتى. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىدە بارا-بارا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان بولماي قالدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ چىغلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئۇلارغا دائىم ياردەم بېرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولماي كەلدى.2016-يىلى، راخمان ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيدە نان يېقىپ سېتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى قارار قىلدى.

  راخمان مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ياققان نان پەقەتلا ئوخشىمىدى، يا تەمى ياخشى ئەمەس، يا كۆيۈپ كېتىدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئاستا-ئاستا مەن ياققان نانلار بارغانسېرى ئوخشىدى.»

«بۇلتۇر، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن نان سېتىپ 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق. بۇ يىل بىز باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوي-كالا بېقىپ، كۆپرەك پۇل تېپىشنى پىلانلىدۇق.» دېدى گۈلقىز.

چىغلىق كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چى جيەنگۇاڭ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىز شەھەر رايونىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، 56 ئائىلىلىك خاس يېمەك-ئىچمەك ئىشلەپچىقىرىپ پۇل تاپىدۇ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە خاس باقمىچىلىق، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى قاتارلىق سېلىنمىسى كىچىك، دەسمايىسى تېز قايتىدىغان تۈرلەر ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىدۇق.»