توقسۇن ناھىيەسىدە ئۈجمە پىشتى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرئارزىگۈل ئالىمخەۋىرى، فوتوسى): 4-ئايدا، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىتوقسۇن ناھىيەسىدىكى ئۈجمىلەر پىشىش مەزگىلىگە كىردى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتور توقسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسى شياڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى شى پېڭفېينىڭ ئۈجمە پارنىكىغا كىرگىنىدە، مېۋە ھىدى دىماغقا ئۇرۇلدى، قىزىل، سۆسۈن، قارا، ئاق رەڭلەردىكى ئۈجمىلەر شاخلارغا تولۇپ تۇراتتى، مەرۋايىتتەك مېۋىلەر كىشىنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزاتتى.

  رەڭگارەڭ ئۈجمە مېۋىلىرىتور چولپان دېكتورلىرىنىنەق مەيداندا ئۈجمە ئۈزۈشنى بىۋاسىتە تارقىتىشقا جەلپ قىلدى، تور چولپان دېكتورى لو مىڭخې ئاپتورغانۇرغۇن مەستانىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا ئۈجمىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، ئۇنىڭدىن ئۈجمىنى قانداق سېتىۋېلىشنىسورىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. لو مىڭخې مۇنداق دېدى: توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ھەمتۈرتكە بولۇشتوقسۇن ئۈجمىسىنىڭ سېتىلىشىنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈجمە پارنىكىنىڭ مەسئۇلى شى پېڭفېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۇ ئۈجمە تېرىغان ئۈچىنچى يىلى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى 4 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئۈجمىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۈزۈش مەزگىلىمۇ ئۇزۇن، ھەر يىلى 4-ئايدىن باشلاپ ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاز دېگەندىمۇ 6-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غولبويى يېزىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا-كەنت ۋە گۈزەل يېزا-قىشلاق قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى تىرىشىپ مەنزىرە رايونغا ئايلاندۇرۇپ، ئاممىنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

توقسۇن ناھىيەسى غولبويى يېزىسىنىڭ كادىرى سەيدىن ئىمىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئۈجمە، كىچىك ئاق ئۆرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق ھەرخىل مېۋە-كۆكتاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆلەم ھاسىل قىلىپ، داڭلىق ماركا بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.»