كۆكتات پارنىكىدا ئۇسسۇل ئويناش، بېيىش ناخشىسى ئېيتىش

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزليۇ مېڭمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرجۇ خەيشيا، گو يۈشۈن، شى جىڭ، چاخانفوتوسى، خەۋىرى) : «كېلىڭلار بىللە ئوينايلى...»

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى ئۇلان جېكسېن يېزىسى شىزى موخۇر كەنتىدىكى بىر مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىنمۇزىكا ۋە كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.

پارنىكنىڭ ئىچى ياپيېشىل لازا مايسىسىبىلەن تولغان بولۇپ، بىر نەچچە ئايال مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ، مەيدان ئۇسسۇلى ئويناۋاتاتتى، ئەرلەرمايسا تاقلىغاچبۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «شادىمان ئەر-خوتۇنئەمگەكئەترىتى» دەپ ئاتالدى.

بۇ ئەمگەك ئەترىتىنىڭ باشلامچىسى شىزى موخۇر كەنتىنىڭ ئاھالىسى يۈ رۇڭرۇڭ بىلەن ۋاڭ جاۋسەي ئەر-خوتۇنلار بولۇپ، ئۇلار مۇشۇ كەنتتىكىئالتە جۈپ ئەر-خوتۇننى تەشكىللەپبۇ ئەترەتنى قۇردى. بۇ ئەمگەك ئەترىتى قۇرۇلغىنىغا 16 يىل بولغاچقا،ناھىيە بويىچە خېلى نامى بار. ھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلەردە قىلىدىغان دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسا ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ،دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئۇلارغا«نۆۋەت»ساقلايدۇ.

«ئائىلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يېرى كۆپ ئەمەس، كۆپرەك پۇل تېپىش ئۈچۈن، ئەر-خوتۇن ئىككىمىز دائىم سىرتقا چىقىپ كۈنلۈك ئىشلەيمىز، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجى بارلىقىنى بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئەترىتىنى قۇردۇق. دەسلەپتەئەترىتىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئايال ئىدى، قىلىدىغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەتىيازدامايسا يېتىشتۈرۈش، كۆچەت تىكىش، مايسا تاقلاش، يازدا شوخلا ئۈزۈش ۋە ئېتىز پەرۋىشى، كۈزدە لازا ئۈزۈش،لازا قۇرۇتۇش قاتارلىقلار ئىشلار ئىدى، كېيىنچە يۈك قاچىلاش- چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغۇزىدىغانلاربىزنى ئىزدەپ كەلدى، بۇ ئىشلارنى ئەرلەر قىلسا ياخشى بولاتتى، شۇنىڭ بىلەنئەرلىرىمىز تەبىئىي ھالدا ئەترىتىمىزگە قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن «شادىمان ئەر-خوتۇنئەمگەكئەترىتى» قۇرۇلدى» دېدى يۈ رۇڭرۇڭ.

«ئەمگەك ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز يەنەھەرقايسى يېزا-بازار، كەنتلەردەئەمگەك ئەترىتىمىزنى قەرەللىك تەشۋىق قىلدۇق. بىز دائىم بىللە ئىشلىگەچكە، ھەممەيلەننىڭمۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئادەتتە ھەرقايسى ئائىلىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىللە قىلىمىز، خۇددى ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشاش.ئەمگەك ئەترىتىمىزدىكى ئىككى نامرات ئائىلە ئىشلەمچىلىككە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى»» دېدى ۋاڭ جاۋسەي.

«ئىلگىرى ئۆيدىكى 10 نەچچە مو يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، بىر يىللىق كىرىمىمىز ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، 2018-يىلى ئىككىمىز ئەمگەك ئەترىتىگە كىردۇق، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق» دېدى ئەمگەك ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گېنچيەن.

  «بۇ ئىككى يىلدا، يېزىمىز يېزا ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، قەرەللىك كۇرس ئاچتى، مەن كۇرسقا بېرىپ، سىياسەت، قانۇن-نىزام، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئەمگەك ۋاسىتىچىلىكىئىقتىدارىمنىئۆستۈردۈم، يەنە قانداق قىلىپ يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ،مەسىلەنئۈندىدار توپى قۇرۇش، سىن كۆرۈنۈشى يوللاشقاتارلىقلارئارقىلىق ئەمگەك ئەترىتىمىزنى تەشۋىققىلىش ۋە تەشكىللەشنى ئۆگەندىم» دېدى يۈ رۇڭرۇڭ.

تۇرمۇشىياخشىلانغانسىرى، ئەمگەك ئەترىتىدىكىئاچا-سىڭىللارنىڭ چىرايىدا ھەركۈنى كۈلكە جىلۋىلەندى، ئۇلار ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق بولغاچقا، ئەمگەك قىلىپ چارچىغاندا، پارنىكتا بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينايدۇ، ئەرلىرى ئۇلارنىڭ تاماشىبىنى بولىدۇ.

يۈ رۇڭرۇڭ ئەمگەك ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئىشلەۋاتقان، ئۇسسۇل ئوينىغان سىن كۆرۈنۈشىنى تورغا يوللاپ، نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشتى: «سىلەر ھەقىقەتەنشادىمان دېھقانلار ئىكەنسىلەر، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلغاچشۇنچە خۇشال بولالايدىكەنسىلەر». «سىندىكى شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنامايان قىلىنغانئوبرازىڭلار ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، سىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمىز».

  «بىز يېزا ئەمگەك-مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يېزا ئەمگەك -مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى بېيىش باشلامچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتۇق. <بېيىش باشلامچىلىرى>نىڭ تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ ئەمگەك- مۇلازىمەت ئىقتىسادىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق.بۇ يىل 1-، 2-ئايدا، يېزا بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1000دىن ئارتۇق ئادەم كۆپەيدى»دېدى باغراش ناھىيەئۇلان جېكسېن يېزىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى خۇاجۈن.