ھەممە ئۆيدە قىلىدىغان ئىش بولۇش، ھەممەيلەن پۇل تاپالايدىغان بولۇش

日期:2020年04月22日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرگەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرما ۋېنتىڭ): 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە، نازىگۈل ئازادە، پاكىز كەنت يولىنى بويلاپ،بىر كىيىم تىكىش شىركىتىنىڭ كەنتتە قۇرغان نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا قاراپ ئالدىراپ ماڭدى. يۇقۇم باشلانغاندىن ھازىرغىچە، نازىگۈلنىڭ كىيىم تىكىش ماشىنىسى توختاپ باقمىدى، ئۇ ھەربىر كىيىمنى پىششىقلاپ ئىشلىسە،14 يۈەن تاپالايتتى.

نازىگۈلنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى جىمسار ناھىيەسىبېيتىڭ بازىرى سەنچاڭساۋزى چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. 2017-يىلى كىيىم تىكىش شىركىتىنىڭ كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نازىگۈل زاۋۇتقا ئىشقا چۈشۈشى بىلەن،ئۇنىڭ قەلبى بىردىنلا يورۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ھەم ئىشقا بېرىپ پۇل تاپالايدىغان، ھەم چوڭلارنىڭ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى.

نازىگۈل سېختىكى تىككۈچىلىك ماھىرى بولۇپ، بىر كۈندە ئالتە-يەتتە ئىشتان تىكەلەيدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئايدا 4200 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدۇ.

ئۆينىڭ ئالدىدىلا ئىشلەپ مائاش ئېلىش بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا نازىگۈل ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش ئىدى.

2014-يىلى نازىگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش ئادەم تاغلىق رايوندىن يېڭىدىن قۇرۇلغان چارۋىچىلىق يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئازادە، يورۇق خىش ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۇ ئۆيدە ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى، ئېرى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئىدى، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسى ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش قويى ۋە ئۆزى سېتىۋالغان چارۋىلارغا تايىنىپ باقمىچىلىق قىلاتتى. يىل ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرقاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى.