لوپنۇر ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلەپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇرۇلۇشقا ئىلھاملاندۇردى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلى ناخەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى باشئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياۋشۆ (ئوڭدا)، لوپنۇر ناھىيەلىك تەبىئەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆكتات پارنىكىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە تۇردى ئادىل بىلەن بىللە كاۋا ئۈزۈپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا ئىلھام بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.