رەيھانگۈلنىڭ «گۈل»گە تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

日期:2020年04月21日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزجاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرزوۋ يەنجۇڭ،چى فېڭخەۋىرى، فوتوسى):رەيھانگۈل بەكرىگۈل تېرىش ئارقىلىقنامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنى كۆردى. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئەتىرگۈل ئارىسىغا كۆكتات تېرىپ، «گۈل»گە تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشيولىنى باشلىدى.

رەيھانگۈل بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستىبۈگۈر ناھىيەسى ئەشمە يېزىسى تاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، گۈل تېرىپ، گۈل سېتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

رەيھانگۈلنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭىزدە، خۇددى گۈللۈك باغقاكىرگەندەك بولۇپ قالىسىز، ھويلىنىڭ تېمىغا يېقىن يەرگە ئايلاندۇرۇپ گۈل تېرىلغان، دېرىزە تەكچىسىگە گۈللەر تىزىپ قويۇلغان، ھويلىدىكى كىچىك ئەگمە پارنىكتا ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئارىسىغا يېڭىلاجاڭدۇ ۋەكىچىك يوۋبەسەي تېرىلغانىدى. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، رەيھانگۈل بۇ يىلدىكىتۇنجى قېتىملىق گۈلنىسېتىپ، 500 يۈەن كىرىم قىلدى.

«ئۇنىڭ ئۆيى ئىلگىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى... ئەشمە يېزىسىدا ئىلگىرى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر كۆپ،يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن، ھويلا-ئاران تاپاۋىتى تۆۋەن بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولى تار ئىدى. 2017-يىلدىن باشلاپ، ئەشمە يېزىسى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مۇھىتى ۋە ھويلا-ئارانلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ، تەرتىپكە سېلىپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ھويلا-ئاران ئىگىلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى»دېدى ئەشمە يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى مەمەت مامۇت.

رەيھانگۈلنىڭ ئائىلىسى مۇھىتنى تۈزەش ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭغان ئائىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوتۇن دۆۋىسى، ئەخلەت دۆۋىسىنى تازىلاپ، چىرايلىق ھويلا تېمى قۇپۇرۇپ، بوشىغان جايلارنىرايونغا بۆلۈپ پىلانلاپ، كىچىك ئەگمە پارنىك، كالا قوتىنى، قوي قوتىنى، كەپتەرخاناۋە ئۈزۈم بارىڭى ياسىدى،رەيھانگۈلئانچە چوڭ بولمىغان ھويلىسىنىئىدىتلىققىلىپ رەتلىدى.

گۈل بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان رەيھانگۈل ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، ئەتىرگۈل، چوڭ يوپۇرماقلىق تاشئالما قاتارلىقلارنى ئۆستۈردى. يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە تەشۋىق قىلىشىدا، نۇرغۇنكەنت ئاھالىسىرەيھانگۈلنىڭ گۈل تېرىغانلىقىنى بىلدى ھەمبارا-باراگۈل سېتىۋالغىلى كېلىدىغان بولدى، ئارقىدىن قوشنا كەنتئاھالىلىرىمۇ ئالايىتەنگۈل سېتىۋالغىلى كېلىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ رەيھانگۈلنىڭ گۈل سېتىش يولىقەدەممۇقەدەم ئېچىلدى.

شۇ يىلىرەيھانگۈل ھويلىغا گۈل تېرىپ، 1000 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى. گەرچە كىرىمى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇنىڭدىننامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئۈمىدىنى كۆردى، ئەسلىدە گۈل ئۆستۈرۈپمۇپۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

2017-يىلى 9-ئايدا، ئەشمە يېزىسى تاللىق كەنتىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى رەيھانگۈلنىڭ ئائىلىسىدەئېچىلدى.

ئىككىنچى يىلى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە، رەيھانگۈل يەنە بەزىيېڭى گۈل-گىياھ تېرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، گۈل-گىياھلارنىڭ سورتىنى يېڭىلاپ، تۈرىنىكۆپەيتتى، شۇ يىلى 3000 يۈەن كىرىم قىلدى. 2019-يىلىغا كەلگەندە، رەيھانگۈل گۈل ئۆستۈرۈشكۆلىمىنى كېڭەيتتى، كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6000 يۈەن ئاشتى.

رەيھانگۈل بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن تەتقىق قىلىپ، تەدرىجىي گۈل تېرىقچىلىقىدا كەسىپئەھلىگە ئايلاندى. ئەقىللىق رەيھانگۈليەنە گۈل يېتىشتۈرۈش بىلەن كۆكتات تېرىشنىڭئىستېرېئولۇقئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ ئەتىرگۈل ئارىسىغا جاڭدۇ تېرىدى، يېنىغا يەنە كىچىك يوۋبەسەيمۇ تېرىدى.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، 4-ئايدا ئەتىرگۈل ۋە كىچىك يوۋبەسەينى سېتىپ چىقارغاندىن كېيىن، جاڭدۇنى باراڭغا ئالىدىكەن، گۈل ۋە كۆكتاتنى ساتسا، ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ ئىشلەمچىلىك كىرىمىنى قوشقاندا بىر يىلدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، رەيھانگۈل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇستەھكەملەپ، ئۆزىنىڭ «گۈل»دەك تۇرمۇشىنىباشلىدى. تۇرمۇشىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن باشقا، يەنە باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كالا-قوي بېقىپ، كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

«ھەر كۈنى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەرگە قارىسام، ئۆزۈمنىڭ گۈزەل كۈنلىرىنى ئويلىسام، ناھايىتى خۇشال بولىمەن» دېدى رەيھانگۈل.