قورغاس ناھىيەسى: تېرىقچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ دېھقانلارنى «پۇل»غا ئىگە قىلدى

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزمېڭ شياخەۋىرى): شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى چىڭسىخوزا بازىرى سۈزۈكبۇلاق كەنتى يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چۆرىدەپ، تېرىقچىلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ مەنبەلىك خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، سۈزۈكبۇلاق كەنتى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك چوڭ كەنتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كۆلەمنى ئاشۇرۇپ، خاسلىقنى تۇتۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، پارنىك، ئىقتىسادىي ئورمان ۋە جۇڭيى دورىسى زىرائەتلىرىنى تېرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. نۆۋەتتە، كەنتتە 70 پارنىك، 300 مو كۆكتات يېرى بار بولۇپ، 200 مودىن ئارتۇق يەردە داغۇر داڭگۇيىتېرىش ئومۇملاشتۇرۇلماقتا.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، خاس تېرىقچىلىقنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇلتۇر ئوتتۇرىچە كىرىمى 16 مىڭ 93يۈەنگە يەتكەن.