گۇمىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرى سىزنىڭ كېلىپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىشىڭىزنى كۈتمەكتە

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

ماتېرىيال سۈرەت

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزليۇ شياخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىدىكى مەخمۇت توختىيار ئەتىگەندىلا ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەرنى سۇغىرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۆيىدىكى 150 توشقانغا ئوت-چۆپ بەردى، كېلەر ئايدا بۇ توشقانلارنىڭ 2000 يۈەنگە سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ كۈلۈپ ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

ماتېرىيال سۈرەت

گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىدە، مەخمۇت توختىيارغا ئوخشاش توشقان بېقىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرغان دېھقانلار كەنتتىكىلەرنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 12 مىڭ يۈەن، ئاز بولغاندا 3000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىقچىلىق قىلىش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  شىنجاڭ كوئىنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى فېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، ھازىر مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، لېكىن يەنىلا بازار كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش شەكلى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆۋەتتە، توڭلىتىلغان توشقان گۆشىنىڭ ئايلىق تەمىنلەش مىقدارى 400 توننا، مۇزلىتىلغان يېڭى توشقان گۆشى 400 توننا، غاز گۆشى 200 توننا، ئېشەك گۆشى 50 توننا، قوي گۆشى 100 توننا، مور 150 توننا، خەيشيەنگۇ 240 توننا، شياڭگۇ 300 توننا بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»