جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىپ، «بېيىش ياخشى رېتسېپ»نى يېزىش

日期:2020年04月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنىڭ ياخشى پەيتىدە، 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى دالاۋبا كەنتىدىكى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىيدىغان دېھقان فاڭ شىنفۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تېرىقچىلىق قىلىشقا تەشكىللەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئېتىز بېشىدا ئالدىراشلىق مەنزىرىسى نامايان بولدى.

فاڭ شىنفۇ كۆپ يىللىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردا 1000 مو كۆلەمدىكى يەرگە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىپ، يىللىق ساپ كىرىمى 2 مىليون يۈەندىن ئاشقان. لېكىن بۇلتۇر كىلىمات ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ تەسىرىدە ئۇ بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتقانىدى. بۇ يىل تېخىمۇ تىرىشىشقا بەل باغلىغان فاڭ شىنفۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 1500 مو يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ، خوشۇت ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تۇپراقنى ئىلمىي تەھلىل قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش، ئۇرۇق سېلىپ سۇلياۋ يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق ئىلمىي تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرىنىقوللىنىش تەكلىپىنى بەردى.

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسى دالاۋبا كەنتىدە 1000 مو كۆلەمدىكى يەر ھەيدىلىپ ئۇرۇق سېلىندى.

جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىشتا، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىش-باشقۇرۇش چارىسىدېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، دالاۋبا كەنتى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

«ھەر كۈنى 150 يۈەن تاپىمەن، يەنە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگەندىم، كەلگۈسىدە مەنمۇ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» دالاۋبا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما جېخۇا خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

«بىر ئايدا 9000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، سىرتلارغا قاتىراپمۇ يۈرمەيمەن، ئۆز جايىمدا تاپقان پۇلۇممۇ ئاز ئەمەس.» سالىياڭۋەن كەنتى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىش تېخنىك خادىمى ما جيەنجاڭ شۇنداق دېدى.

«جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى، كېيىنكى قەدەمدە بىز كەنت ئاھالىلىرىنى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ جيەنخۇڭ.