ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: «كالا خوجايىنى» «بەخت بازىرى» قۇردى

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورىخەۋىرى (مۇخبىرىمىزنيۇ خەييەنخەۋىرى): «ماڭا 10 زىخ كاۋاپ، 10 سامسا كەلتۈرۈڭ.» «ماڭا ئىككى كىشىلىك گۈيرۇ لەغمەن كەلتۈرۈڭ»... شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئالغا بازىرى تېتىر كەنتىدىكى «بەخت بازىرى»مۇ تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

بۇ بازارنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەنتتىكى كالا بېقىش كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇن تۇرسۇنغا ياردەملىشىپ قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، 12 نەپەر دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

2017-يىلى 12-ئايدا، كەنتتە كالا بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندا، تۇرغۇن تۇرسۇن بۇ كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، 54 ئائىلىلىك دېھقاننى يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭدى. تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە «بەخت بازىرى»نى قۇرۇپ، تۇرغۇن تۇرسۇننى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

ھازىر تۇرغۇن تۇرسۇنغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كالا بېقىش كوپىراتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «بەخت بازىرى»نى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كالا بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، ‹بەخت بازىرى› قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنى 12 يايما ئورنى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، مەن كالا بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە «بەخت بازىرى»نى ياخشى باشقۇرىمەن.»

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى گو خۇڭخاۋ مۇنداق دېدى: «كەنتتە ‹بەخت بازىرى› قۇرۇلۇپ، ‹كالا خوجايىنى› تېخىمۇ قالتىس بولۇپ كەتتى، ئەتراپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتالايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»