مەكىت ناھىيەسى: ھويلا-ئاران پارنىكىغا مايسا كۆچۈرۈپ تىكىشنىڭ دەل ۋاقتى

日期:2020年04月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورىخەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزجاڭ جيەنجۈن، مېھرىگۈلخەۋىرى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەر ئاممىغا كۆكتات مايسىلىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ناھىيە بويىچە 30 مىڭدىن ئارتۇق ھويلا-ئاران پارنىكىغا مايسىلار كۆچۈرۈپ تىكىلدى.

«بۇ يىل، مەكىت ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ،مايسا يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقىت ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىش، تەكشى بازارغا سېلىش، مۇقىم سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ناھىيە، يېزىلار تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، سېتىش يوللىرىنى ھەل قىلىش، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي ياخشى باشلىنىش، ياخشى قەدەم ئېلىپ بەردى.» مەكىت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبىرى شۇنداق بىلدۈردى.