توقۇمىچىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىخەن چىنيەن

مەرھابا ئۇرايىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «بۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەپ، مېنىڭ مۇقىم كىرىم مەنبەيىم بار بولدى، نامرات ئاھالە قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدىم، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئىلگىرى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسى باغچى كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولغان مەرھابا خۇشال ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقۇمىچىلىق تېز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆزنەك ئېچىپ بەردى.

كەسىپ ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش

ئىككى يىل ئىلگىرى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتى ئىشچى قوبۇل قىلغاندا، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى ئايكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نامرات ئاھالە ئانارگۈل ئەنۋەر دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلاندى. «خىزمەت قىلغانسېرى، بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى بايقىدىم، جان تىكىپ ئۆگىنىشىم كېرەك ئىكەن.» ئانارگۈل ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى. ئىككى يىلغا يېقىن «بىلىم ئاشۇرۇش» ئارقىلىق ئۇ 400دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىچىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، ئارقا توقۇمىچىلىق سېخىنىڭ مۇدىرى بولدى. «مېنىڭ ھازىر ھەر ئايلىق مائاشىم 3500 يۈەندىن يۇقىرى» دېدى ئانارگۈل.

مول پاختا بايلىقى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شەرق شامىلىنىڭ ياردىمىدە، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈردى، توقۇمىچىلىق كەسپى خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. دۆلەت ئىچىدىكى بۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدىكى چوڭ سودىگەرلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى غەربكە يۆتكىشى، ئاددىيلا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆچۈرۈش بولۇپ قالماستىن، بەلكى بوشلۇق يۆتكىلىشى بولۇش بىلەن بىللە، ماس قەدەمدە ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققىچە بولغان يېڭىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملاش ھېسابلىنىدۇ.

«شىركىتىمىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار يىپ ئېگىرىش ئۈسكۈنىسى، كېيىن قەشقەر، يېڭىساردا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان زاۋۇت رايونىغا ئورنىتىلىدىغىنىمۇ خەلقئارادىكى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر» دېدى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى دى شيۇخۇا.

جەنۇبىي شىنجاڭغا ماكانلاشقان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، زور بىر تۈركۈم پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىپ، نۇرغۇن دېھقاننى «ئېتىزدىن سېخقا كىرىش، ئوچاق بېشىدىن ماشىنا ئالدىغا بېرىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

«مەن ماشىنىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم، بىر ئايدا 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن» دېدى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خوتەندىكى بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بارات مەمتىمىن.

خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى قۇمباغ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بارات، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، 2019 - يىلى خوتەندىكى بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، بۈگۈنكى كۈندە پىشقان توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلاندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىدى. سىياسەتلەرنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

«نۆۋەتتە شىركىتىمىزدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1000 كىشىگە يېقىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، %95تىن كۆپرەكى خوتەندىكى يەرلىك خىزمەتچىلەر، كېيىنكى قەدەمدە كارخانىمىز يەنە كۆلەمنى كېڭەيتىدۇ، 2025 - يىلىغا بارغاندا بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز 350 مىڭ ئۇرچۇققا، كارخانىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەنگە، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار 3000 كىشىگە يەتكۈزۈلىدۇ.» خوتەندىكى بۇ توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن جيەنلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتە كارخانىمىزدا %80تىن كۆپرەك كونا خىزمەتچى ئىش ئورنىغا قايتىپ ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن سىرت، يەنە نەچچە ئون ئىشچى قوبۇل قىلىندى.

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دىكى بىر ئىلمە توقۇلما پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ھەربىر توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىسى توختىماي ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئالدىراش ئىدى. «بىز ئالدىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى تولۇقلىماقچى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى نۇربىيە ئەختەم.

2017 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ئىلمە توقۇلما پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 1100 كىشىنى جەلپ قىلغان.

نامراتلارنى يۆلەش ئېففېكتى گەۋدىلىك بولۇش

«ئۆتكەن ئايدا مەن 3500 يۈەن مائاش ئالدىم. ھازىر، مەن ئۆيىمىزنىڭ پەخرى» دېدى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاقسۇدىكى بىر رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى مەريەم ئەمەر كۈلۈپ تۇرۇپ. 24 ياشلىق مەريەم قىزىل رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىپ، تەكشۈرۈش سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۈسكۈنىلەرنى بىمالال باشقۇرۇۋاتاتتى.

ئۈچ يىل ئىلگىرى، مەريەم ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقيار بازىرىنىڭ تۆۋەنكى خاڭدى كەنتىدىكى بىر دېھقان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇدىكى بۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىشچىسى سۈپىتىدە، ئۇ مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىشتىن چىققان يىپلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى تۇتىدۇ.

توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىنى ماكانلىشىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەشكە جەلپ قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى، 2019 - يىلىلا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى بويىچە 95 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«ئىلگىرى تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، مۇقىم كىرىمىم يوق ئىدى، ھازىر مەن ھەر ئايدا 3000 يۈەن مۇقىم مائاش ئالالايمەن، ياتاق - تامىقىمنىڭ ھەممىسى زاۋۇتتا، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەندىن خۇشال بولدى» دېدى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، خوتەن شەھىرىگە جايلاشقان بىر توقۇمىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرسۇن توختى ئۆز خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا.

بۇ شىركەتتە تۇرسۇنغا ئوخشاش مۇشۇنداق خىزمەتچىدىن 600 كىشى بار، ئۇلار زاۋۇتقا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغانلار 5000 كىشىدىن كۆپرەككە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى باۋ گۇاڭتۇ ئېيتقاندەك، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىرقەدەر زور تۈرتكە بولغىنى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر ئىكەن.