ئونسۇ ناھىيەسى: يېقىن ئەتراپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېھقانلارنى «پۇل تېپىش ھەم ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشتىن غەم قىلدۇرمىدى»

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرخۇ شياۋشياۋ،ئىختىيارىي مۇخبىريى خۇيخەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى توپقان كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى شۇ تەۋەلىكتىكى كارخانىلار بىلەن خادىم ئىشلىتىش توختامى ئىمزالاشقا تەشكىللىدى، ئۇلار ئاساسەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەردىن كەلگەن.

بىر مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىش توغرىسىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىراتى بار. نۇرنىساقىز تۇرغۇن بۇ قېتىم كارخانىلار بىلەن خادىم ئىشلىتىش توختامى ئىمزالىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرى، «مېنىڭ ئائىلەمدە تۆت جان بار، كىرىمىمىز ئاساسلىقى 10 مو يەر ۋە پارچە-پۇرات ئىش قىلىشتىن كېلىدۇ، گەرچە بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئەمما مەن يەنىلاخىزمەت قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم» دېدى نۇرنىساقىز تۇرغۇن.

«گەرچە نۇرنىساقىز تۇرغۇندەك كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كىرىمى يەنىلا تۆۋەن، شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن توپقان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسىيۈ فاخاۋ.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت«ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە باھالاپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەپسىلى ئېنىقلاپ، ئۇلارغا تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنى قاراتمىلىق ھالدا ئالاقىلىشىپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا، تەۋەلىكتىكى تۆت كارخانا توپقان كەنتى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك خادىم ئىشلىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى ھەم ئەمگەكتوختامى ئىمزالىدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېتى> پائال چارە-ئامال ئويلاپ، تەۋەلىكتىكى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، <پۇل تېپىش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ئىككىلىسىنى قالدۇرماسلىق> ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لەن گۇاڭجۈن.