شىخو شەھىرى: ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە ياردەم بەردى

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىزجاڭ گوخۇي، شاخاربېكخەۋىرى): 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخو شەھىرى بەيچۈەن بازىرى گېداچۈەن كەنتىدىكىبەيچۈەن كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۈيىچايقىلىپ، توپ-توپ ياۋا ئۆردەكلەر ئۈزۈپ يۈرەتتى. كۆل بويىدىكى قومۇشلار مەيىن شامالدا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشۈپ، يېقىنلا يەرگە تىكىلگەن ئۈزۈم كۆچەتلىرى يىلتىز تارتماقتا ئىدى. بۇ يەردە يېڭى ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسى قۇرۇلىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.

بەيچۈەنخۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لۈ خەيفېڭ مۇنداق دېدى: «بەيچۈەنخۇ كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل شىركەت شەرقىي شىمالدىن مەخسۇس كۆك ياقۇت، ياڭگۇاڭ ئەتىرگۈلى، مېيرېنجى قاتارلىق خاس سورتلۇق ئۈزۈملەرنى كىرگۈزۈپ، بەيچۈەنخۇ كۆلى ئەتراپىدا 10 مو يەردە ئۈزۈملۈك باغ بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەيچۈەن بازىرى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دالىدا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى، ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى، داڭلىق تائاملار يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ «ساياھەتنىڭ تامىقى»نى يېيىشىگە تۈرتكە بولدى.