شىسەن يېزىسى قالغايتى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىسمايىل ھەسەن خوتۇنى بىلەن بىللە ئۆز ھويلىسىدا ئورەك كولىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارۋاڭ شىلۇ، يۈ بىنفوتوسى، خەۋىرى): قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شىسەن يېزىسى قالغايتى كەنتى كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پاسسىپ ھالدا ياردەم بېرىش-يۆلەشنىتەشەببۇسكارلىق بىلەن كىرىم قىلىشقا ئۆزگەرتتى.
2020-يىلى، شىسەن يېزىسى قالغايتى كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، جەمئىي 3 مىليون 872 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى، دېھقانلار ئارامگاھى، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.