پوسكام ناھىيەسى: پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن توغاچ شاپتۇلنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرمەمەتئېلى زايىتخەۋىرى): ھازىر توغاچ شاپتۇلپىشىدىغان پەسىلگە قەدەم قويدى، بۇ بىر نەچچە كۈندە شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى ئاقتام يېزىسى ئوتتۇرا توزاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۇ خۇا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ خۇشال كۈنلەر بولدى، پارنىكنىڭ ھەممىلا يېرىدە مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللىنىپ، پىشقان توغاچ شاپتۇللارنىڭ شاخلىرى ئېگىلىپ كەتتى.

ئاقتام يېزىسىدا جۇ خۇاغا ئوخشاش پارنىكتا مېۋە ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار ناھايىتى كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ يېزا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئورنىنى توغرا بېكىتىپ، دېھقانلارنى پارنىكتا مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشكەيېتەكلەپ، بۆلجۈرگەن، توغاچ شاپتۇل، گىلاس قاتارلىق ئىقتسادىي ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خاس مېۋە-چېۋىلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئاقتام يېزىسىدا گىلاس، بۆلجۈرگەن، توغاچ شاپتۇل قاتارلىق خاس مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرگەن دېھقان ئائىلىسى 45كە يەتكەن بولۇپ، كۆلىمى 360 مودىن ئاشقان. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ يېزا ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، ئۈزۈش، تاللاش، ئوراش-قاچىلاش، سوغۇق ساقلاش، سېتىش يۈرۈشلۈك مەشغۇلات ئەندىزىسى بويىچە، يېڭى مېۋىلەرنىڭ ئوبوروت ھالقىسىنى قىسقارتىپ، يېڭى مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.