ئېگىز تاغدا يىغىۋېلىنغان چاي پۇقرالارنىڭ بېيىشتىكى ئالتۇن نام كارتىسى بولدى

日期:2020年04月13日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 10-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لىشەن بازىرى ئەندىڭ كەنتىدىكى مىڭ مولۇق ئېگىز تاغ چايزارلىقى، بۇ يەر ئەندىڭ يۈنۋۇ چېيى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئاساسلىق رايون (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا تورى خەۋىرى:تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى فۇياڭ رايونى لىشەن بازىرىدىكى گاۋشەنيۈنۋۇ چېيى كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈش ۋە سېتىش مەزگىلىگە كىردى، لىشەن بازىرىدا جەمئىي 6100 مودىن ئارتۇق چايزارلىق بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمى دېڭىز يۈزىدىن 700 مېتىر ئېگىزلىكتىكىئەندىڭ گاۋشەنيۈنۋۇ چايزارلىقىدۇر.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەت كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، گاۋشەنيۈنۋۇ چېيىنىڭ سۈپىتى ۋە ئاشۇرما قىممىتىنى پائال ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېگىز تاغ چايزارلىقى، گىلاسلىقنىيېزا -كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ماركىسى قىلىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياساپ، يوللارنى كېڭەيتىپ، تاغلىق كەنتتىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىشۈ يۈفوتوسى