ئاقتۇ ناھىيەسى: 1000 مو ئۆرۈكلۈك بەرپا قىلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى

日期:2020年04月10日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرياڭ مياۋخەۋىرى): ئورەك كولاش، كۆچەت تىكىش، سۇغىرىش...يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى چالمائېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەر بەس-بەستەئۆرۈك كۆچىتى تىكتى.

يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئويتاغ بازىرىمەنزىرە ساياھەت لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ماسلاشتۇرۇپ، گەز دەرياسى غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايغائەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپ، 1000 موئۆرۈكلۈك بەرپا قىلىپ، دۆلەت يولى بويىدا ئۆرۈكلۈك مەنزىرە بەلبېغى شەكىللەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە دۆلەت يولى بويىدىكى ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىئاممىنى ئۆرۈك دەرىخى ئارىسىغا بۇغداي، بېدە قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، كۆپ ھوسۇللۇق ئېتىز بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كەنت مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش قوش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

1000 موئۆرۈكلۈك بەرپا قىلىشتاتۇپراقنى ياخشىلاش بىرىنچى قەدەم. خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ،كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇم-شېغىللىق تېرىلغۇ يېرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك تۇپائەكىلىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەممە يەرگە تېرىشقا بولىدىغان تۇپا تۆكۈپ، بېدە، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشقا بولىدىغان مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردى.