بۈگۈر ناھىيەسى: كەنت ئاھالىسى كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تۆگە بېقىپ، بېيىش يولىغا ماڭدى

日期:2020年04月09日
来源:天山网
【字体:

جۈمە ئابلەت خۇشال ھالدائېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئۆزىنىڭ تۆگە بېقىپ بېيىش جەريانىنى تونۇشتۇرماقتا.

 كېسەل داۋالىتىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەش بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز، لېكىن شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى بۈگۈر بازىرى يىغىنباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جۈمە ئابلەتتە بىر ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈنتۆگەباقتى، يەنە تۆگە بېقىپ يىلىغا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بېيىش يولىغا ماڭدى.

  3-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۈمەنىڭ ئۆيىگە نۇرغۇن كىشى كەلدى، ئۇلار تۇغۇلغىنىغا ئون كۈن بولغان بوتىلاقنىكۆرگەچ، ئۇنىڭ تۆگە بېقىش تەجرىبىسىنى بىلگىلى، يەنەبەزىلىرى تۆگە سۈتى ئىچىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى كەلگەنلەر، جۈمەنىڭ كىشىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغانكەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغىلى كەلگەنلەر ئىدى.

2002-يىلى، جۇمە دېيابىت كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكىئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىش ئەمەس،يول مېڭىشمۇ تەسكە توختىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىمۇكەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

جۈمە تەرەپ-تەرەپتە دوختۇرغا كۆرۈنۈپكېسىلىگە دورا ئىزدەۋاتقان چاغلىرىدا، بىر موڭغۇل دوستى ئۇنىڭغاتۆگە سۈتى ئىچسە ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن، جۈمە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىدىن 22 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەنيەنچى ناھىيەسىدىن ئىككى تۆگە سېتىۋالدى.

ئۇزاق ئۆتمەيبىر تۆگە بوتىلىدى، جۈمە بىر تەرەپتىن تۆگە سۈتى ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن مۇنتىزىم داۋالاندى. يېرىم يىلدىن كېيىنمۆجىزە كۆرۈلدى، جۈمە ماڭالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە ئېتىزغا بېرىپ يېنىك ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغان بولدى، بەشيىلدىن كېيىن، جۈمەنىڭ ئۆپكە كېسىلى ساقىيىپ، قان شېكىرىمۇ مۇقىملاشتى.

يول مېڭىش قىيىن بولۇشتىن ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىشقىچە، جۈمەنىڭ كەچۈرمىشلىرى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ، بەزىلەر تۆگە سۈتى ۋە تۆگە سېتىۋالغىلى، يەنە بەزىلەر تەجرىبە ئاڭلىغىلى كېلىدىغان بولدى...جۈمە تۆگىلەرنى بېقىپ كۆپەيتتى، ئەڭ تۆگىسى كۆپ بولغاندا48 تۇياققا يەتتى.

«تۆگە سۈتىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 60 يۈەن، ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن كىچىك ئىستاكانلىق يېڭى تۆگە سۈتى تەييارلىدى...بازىرىمىزناھىيە بازىرىغا قوشنا، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7:00 ئەتراپىدا، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى، ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ۋەساياھەتچىلەر ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تۆگە سۈتى سېتىۋالىدۇ» دېدىبۈگۈر بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئەخەت موسا تونۇشتۇرۇپ.

ھازىر، جۈمە ساياھەتچىلىكتىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆگىگە تايىنىپقىلىدىغان تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ھەر يىلى ئالتۇن كۈزدە، جۈمە تۆگىلەرنى ئېلىپ توغراقلىق مەنزىرە رايونىغا بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىش، تۆگىگە مىندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا تاپقان پۇلى2018-يىلى15 مىڭ يۈەن، 2019-يىلى 20 مىڭ يۈەن بولدى. بۇ يىل، جۈمە بەش تۆگىنىمەنزىرە رايونىغا ئاپىرىپ، مۇلازىمەت تۈرىنىكۆپەيتمەكچى بولدى.

ئەخەت مۇنداق دېدى: جۈمە تۆگە بېقىشقا تايىنىپ بىر يىلدا 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، بىز جۈمەنى تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتىمىز، تۆگە سۈتى، تۆگە يۇڭى،تۆگە قۇملۇق ساياھىتى يۈرۈشلۈك كەسىپلىرىنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىيېتەكلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭكىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەۋاتىمىز.

جۈمەنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تۆگە بېقىپ، بېيىش يولىغا ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە بۇ بازارنىڭ ساياھەتچىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان بىر يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى.