شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، سانجى شەھىرى بىڭخۇ بازىرى بىڭخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات پارنىكىدا لىگو مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بۇ يىل، بۇ بازاردىكى 270 پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن شوخلا، لازا، لىگو قاتارلىق 10 نەچچە خىل مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات مايسىلىرى ياخشى ئۆستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بۇ بازاردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىم قىلىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى. (خې لۇڭفوتوسى)