6- ئاينىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا دېھقان ئاھالىلىرىنى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

日期:2020年03月09日
来源:新疆日报
【字体:

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز نامرات نوپۇسلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى داۋاملىق چىڭ كۆزلەپ، 75 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار، بولۇپمۇ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيەنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ھەم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلمىغان، كارتا بېجىرىلمىگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشتە قەرەلىدە قۇرۇلۇش پۈتتۈرۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقان ئاھالىلىرىنى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

نۆۋەتتە، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يىللىق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ يېرىمغا يېقىنىدا ئىش باشلاندى، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللاش ھەم مەيدان تۈزلەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، يېقىنقى مەزگىلدە قۇرۇلۇش باشلاشقا بولىدۇ، ھەرقايسى جايلار ئىشچى تەييارلاش، ماتېرىيال تەييارلاش، ھۈنەرۋەنلەرنى تەربىيەلەش، چېرتيوژ لايىھەلەش قاتارلىق ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەرنى پائال، تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تولۇق قاپلاش، ئۆلۈك بۇلۇڭ بولماسلىق» تەلىپى بويىچە، قۇرۇلۇش سۈپەت بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىش ئۆتكىلى، قۇرۇلۇش پۈتكەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلى قاتارلىقلارنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئارخىپىنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەپ، دېھقان ئاھالىلىرىنىڭ ئۆي سېلىشتىكى قەغەزلىك «بىر ئائىلىدە بىر ئارخىپ بولۇش»نى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ئارخىپىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغىلى بولۇش، سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى يېزا - بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ شاۋئەي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيەنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار باشقا دېھقان ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ئەھۋالىغا قارىتا، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى قايتا تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى قايتا كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى قايتا ئېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2016 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» بويىچە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش خىزمەت نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈردى. 2019 - يىلى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىدىن 210 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق يولغا قويۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئاخىرقى 9355 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىلدى.