باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى رىغبەتلەندۈردى −

جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

日期:2020年03月08日
来源:新疆日报
【字体:

«2020 - يىلىغا بارغاندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جەزمەن قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.» 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قانچە ئەڭ كەينىگە بارغانسېرى قەلب ۋە كۈچنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

بوشاشماي كۈرەش قىلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2019 - يىلى، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 645 مىڭ نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 976 نامرات كەنتنى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش، 12 نامرات ناھىيەنىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكى %6.1تىن %1.2كە تۆۋەنلىگەن.

«ئاقسۇ ۋىلايىتى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ گورۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئۇسۇلنى پائال ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كاپالىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن سىجىل مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى مېنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى، ھازىر ماڭا ئوخشاش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى.» بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن ئالىم ئاتاۋۇللا بۇلتۇر خوتۇنى بىلەن بىللە، يۇرتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى قىزىلبايراق مەھەللىسىدىن سانجى شەھىرىنىڭ مىنچاڭ سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. «ھازىر مەن بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، سانجى شەھىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، بالامنى بۇ يەردە ئوقۇتۇشنى ئويلاۋاتىمەن».

بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 3547 نامرات ئەمگەك كۈچى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، باغچە رايونلىرىدىكى 300دىن ئارتۇق كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش

«بىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىمىزگە توسالغۇ بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.» چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ پېيجاۋ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۆتكىۋەتمەسلىك، سېلىنما سالمىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، كادىرلارنىڭ زېھنى چېچىلىپ كەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. نامرات ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ياردەم بېرىش - يۆلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەندىن تۆۋەن نامرات ئەمەس ئائىلىلەرنى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ، 2020 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ماس قەدەمدە كىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى پىلال كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جوۋ فېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتتىكى ھەرقايسى تارماق كۈچلەر ئېتىز بېشىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، شۇنىڭغا ئالدى بىلەن ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى يۆلەپ، بىرمۇ ئائىلىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمو يەرنىمۇ ئاق تاشلاپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى».

ئىشەنچنى چىڭىتىش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش

ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن لېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. بىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»گە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك تەرەققىي قىلدۇرىمىز، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، مائارىپ، داۋالاش جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، بۇ يىل ئون نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان 165 مىڭ 800 نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملايمىز.