6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىدۇ

日期:2020年03月08日
来源:新疆日报
【字体:

«ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا يەنە 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى پەيزاۋات ناھىيەسىگە مەركەزلەشكەن. نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەسىدە شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ %90ى تاماملاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تاماملىنىدۇ، شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل بولىدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش باش پونكىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن.

جاڭ يۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، يەرلىكنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، تۈر رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇشنى ۋەكىل قىلىپ، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا مۇستەھكەم ئاساس سېلىنغان.

«ئۇ ئىلگىرى سۇ توشۇشقا ئىشلىتىلەتتى، ھازىر پۈتۈنلەي كېرىكى قالمىدى.» تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بەلدىر يېزىسى پوست بەلدىر كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مەتقۇربان سامساق ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى توپا - چاڭ بېسىپ كەتكەن چوڭ سۇلياۋ تۇڭنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۆيدە تۇرۇبا سۈيى بار، ھەر ۋاقىت تاماق ئېتەلەيدىغان، كىر يۇيالايدىغان، تازىلىق قىلالايدىغان بولدۇق، ئەمدى ھەرگىزمۇ پاكىز سۇدىن غەم قىلمايمىز».

بۈگۈنكى كۈندە جۈمەكنى ئاچسىلا سۈپسۈزۈك سۇنىڭ شىرىلداپ چۈشۈشى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مەنزىرىگە ئايلاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىكلەر يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، سۇ مەمۇرىيىتىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ساھەنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلارنىڭ يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى.

2019 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد 830 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 116 تۈرنى قۇرۇپ، 346 مىڭ 200 نامرات نوپۇسنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %132ىنى ئورۇندىدى.

پاكىز سۇ ئىچىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، جاڭ يۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە 22 نامرات ناھىيەنىڭ ئىچىدىغان سۇ سۈپىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نۇقتىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆستۈرۈلىدۇ.