ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىدۇ

日期:2020年03月08日
来源:新疆日报
【字体:

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى لىققىدە قاچىلانغان قۇرۇلۇش ئاپتوموبىلى خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومشا كەنتىگە يېتىپ كەلدى، شۇ كۈنى بۇ كەنتنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسىنى ئېنېرگىيە توكى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالايدۇ. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئېنېرگىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى 178 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، چېگرا بويىدىكى كەنت، مەھەللىلەر ۋە فوتوۋولت مەمۇرىي كەنت ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىنى قەرەلىدە پۈتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى، چېگرا بويىدىكى 23 كەنت، مەھەللىنىڭ ئېلېكتىر تورى تۈرى 9100 ئائىلىلىك 36 مىڭ دېھقان - چارۋىچىنىڭ توك ئىشلىتىش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، يەتتە فوتوۋولت مەمۇرىي كەنت ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرى 1535 ئائىلىدىكى 5800 كىشىنىڭ توك ئىشلىتىشىنى ياخشىلاپ، چېگرا رايوندىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

ئومشا كەنتىنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دەل چېگرا بويىدىكى كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىنىڭ بىرىدۇر. ئومشا كەنتى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 172 كىلومېتىر، قاتنىشى قولايسىز، ئاساسلىقى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.

تۇرسۇنتوختى قۇربان كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئۇ ئىزچىل كەسپىنى كېڭەيتىپ ئاز - تولا ئىش قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن كەنتتىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرالمىغانىدى. بۇ يىل كەنت ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىشتىن ئۇ تەرەققىيات ئۈمىدىنى كۆردى. «ئىلگىرىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى كەنتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى، بۇ قېتىم ئېلېكتىر تورى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، مەن قۇشخانا قۇرماقچى، يەنە كىچىك تىپتىكى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، بېقىش، سويۇش، سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرمەكچى، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىللە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىيەلەيمەن» دېدى تۇرسۇنتوختى.

«بۇ يىل، خوتەن ۋىلايىتى ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 642 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خوتەن ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى، توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرىچە توك سىغىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى تۈر باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ دېۋېي.

بۇ يىل، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ غول ئېلېكتىر تورىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ كۈچەيتىپ، بۇ يىل ئىچىدە 750 كىلوۋولتلۇق كۇچا - ئاقسۇ - مارالبېشى ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ كۈچەيتىش ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى، 750 كىلوۋولتلۇق يەكەن - خوتەن ئىككىنچى قېتىم تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە قەشقەر، خوتەن تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ پۈتكۈزىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ غول ئېلېكتىر تورىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 800 مىڭ كىلوۋاتتىن 1 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتقا، خوتەن ۋىلايىتىگە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 580 مىڭ كىلوۋاتتىن 1 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتقا ئاشۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.