شاتى مەھەللە كەنتى: كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى»نى قوزغىتىش

− ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش (2)

日期:2019年11月19日
来源:新疆日报
【字体:

گۈزەلنۇر قاسىم خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى شاتى مەھەللە كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۇنىڭ بىرەر تېخنىكا ماھارىتى يوق بولۇپ، خىزمەت تېپىشى ئىنتايىن قىيىن ئىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنى خوتەن شەھىرىگە بېرىپ پىشۇرۇق پىشۇرۇشنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇ بىر پىشۇرۇق ئۇستىسىغا ئايلاندى. ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ كەنتتىكى مىللىيچە پىشۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئىشلەپ، ھەر ئايدا مۇقىم مائاشقا ئىگە بولدى. ئۇ تۇرۇشلۇق بازا ئىشلەپچىقارغان «يۇرتنى سېغىنىش» ماركىلىق يۈرۈشلۈك پىشۇرۇقلار يىراق - يېقىندا داڭ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە «يۇرتنى سېغىنىش» ماركىلىق يۆبىڭنىڭ دانىسى يوغان، خۇرۇجى تولۇق بولۇپ، بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمىدا سېتىش سوممىسى 150 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى جېننەن سىزغان)

2014 - يىلى خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى شاتى مەھەللە كەنتى ئېغىر نامرات كەنت دەپ بېكىتىلگەنىدى، بۇ يىل شاتى مەھەللە كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغان كەنت قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ھالقىشنى باشتىن كەچۈرگەن بەش يىلدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئىرادىلىكلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى»نى قوزغىتىش، «بەخت ئارزۇسى»نى يېلىنجىتىش جەريانىدۇر.

«بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىمىز بار!» 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، مۇخبىرلار بۇ كەنتكە كېلىپ نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى يېزىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكايىلەرنى بىر - بىرلەپ ئاڭلاپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى بىر - بىرلەپ خاتىرىلىدى.

پۈتكۈل كەنت «جانلاندى»

10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سەھەردە، مۇخبىرلار شاتى مەھەللە كەنتىدە كەنت كومىتېتىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىگە كېلىپ زىيارەت قىلدى. ئىشىكنى چېكىپ كىرگەندە ئۆي ئىگىسى ئامىنە مەتتۇرسۇن ھويلا - ئارانلارنى تازىلاۋاتاتتى، ھويلا - ئارانلار پاكىز، رەتلىك ئىدى، كىچىك ئەگمە لاپاس ئىچىگە چامغۇر تېرىلغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.

«مەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەيمەن، بۈگۈن دەم ئالدىم، ئاپام نەچچە كۈن بۇرۇن ئاقسۇغا پاختا تەرگىلى كەتتى، دادام ئىشىك ئالدىدا ئىشلەۋاتىدۇ، ئىشىكتىن چىقسىڭىزلا ئۇنى تاپالايسىز» دېدى ئامىنە كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇ مۇخبىرلارنى باشلاپ ئىشىك سىرتىدىكى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرى قۇرۇلۇش ئىش ئورنىغا كەلدى، بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن مەتتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كېسىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ماشىنا گۈركىرىگەن ئاۋاز چىقىرىپ، ئوت ئۇچقۇنلىرى تەرەپ - تەرەپكە چاچرايتتى.

«بۇ مېنىڭ ئىشقا چۈشكىنىمنىڭ بەشىنچى كۈنى، ئىلگىرى كېسىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ باقمىغانىدىم، ئۆگىنىۋېرىپ بىلىۋالدىم.» مەتتۇرسۇننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئائىلىسى 2014 - يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، چۈنكى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كەپتۇ، كەنتكە پۇتلىكاشاڭ بولۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن.

ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن نامرات ئىدۇق؟ مەتتۇرسۇن گەدىنىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ 7.5مو يېرى بار بولۇپ، بۇغداي پەقەت يېيىشىمىزغىلا يېتەتتى، كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرگەن ياڭاقتىن تاپقان پۇلدا تۇرمۇشىمىزنى ئاران قامدايتتۇق، تېخنىكا ماھارىتىمىز بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىپ خىزمەت ئىزدەشنىمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. «ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇرۇنلۇقتىن بولۇپ، كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامال قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى بايقاپ جىددىيلەشتىم، سىناپ باققۇم كەلدى، بۇ يىلدىن بۇيان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر نەچچە يەردە پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىشلەمچىلىككە <خۇمار> بولۇپ قالدىم» دېدى ئۇ.

مەتتۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ 24 قويى بولۇپ، يېرىمىنى ئۆزى باقىدىكەن، يېرىمىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا بېرىپتۇ. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: خوتۇنۇم پاختا تېرىيدۇ، قىزىم ئىشلەيدۇ، ئوغلۇم ساتىراشخانا ئاچىدۇ، ئۆزۈم پارچە - پۇرات ئىش قىلىمەن، بۇ يىل ئائىلە كىرىمىمىز 60 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. «كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرىنىڭ ياردىمىدە بىزگە قوي تارقىتىپ بەردى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شۇنچە كۆپ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدۇق، شۇنچە كۆپ ياردەم بېرىلگەن يەردە، ئۆزۈممۇ تىرىشىشىم كېرەك!» ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تامغا ئېسىلغان «خوتەن شەھىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت توپلىمى»نى مۇخبىرلارغا كۆرسەتتى، ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاتى مەھەللە كەنتى تۈرلۈك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغاچقا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە 54 ئائىلىدىكى 256 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ يىل 100 ئائىلىدىكى 447 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شاتى مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ياڭ لېي كەنتكە يېڭى كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى ئىدى. «ئۇل ئەسلىھە، كەنت قىياپىتى بىرقەدەر ناچار، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى شەكىللەنمىگەن، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تۇتقىسى كەمچىل بولۇپ، ئۆزلىرىدىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كەمچىل ئىدى.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: ھەربىر نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىشىش سەۋەبىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى»نى تىكلىشىگە ياردەم بەردى.

مۇخبىرلار شۇنى كۆردىكى، بۈگۈنكى كۈندە، كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇغانىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن، غەيرەتكە كەلگەنىدى. بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن ئايجامال ئەخمەت قوتاندا كالىغا يەم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. قىزى بۇرۇنلا ياتلىق بولغان بولۇپ، ئۆيىدە ئۆزى بىلەن ئېرى تۇرسۇنتوختى مەمەت بار ئىدى، نەچچە يىل ئىلگىرى ئېرى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، كېسەلنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆيىدىكى بار پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ تۈگىتىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنىدى.

جىيا يېزىلىق پارتكومنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بۇ ئائىلىگە ياردەم قولىنى سۇندى. «جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئائىلىمىزگە 60 نەچچە مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە قىلىپ ياردەم بەردى، ئېرىم ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلىنىپ، سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.» ئايجامالنىڭ دېيىشىچە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يۆلىشى بىلەن، ئۇ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ، ھازىر ئائىلىسىدە ئون قوي، يەتتە كالا ۋە بىر ئېشەك بار ئىكەن، بۇ يىل 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا مەسىلە يوق ئىكەن.

ئېرى ئېغىر ئەمگەك قىلالمىغانلىقتىن، ئايجامال باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئاپتۇ، ئۇ ھەر كۈنى سائەت 7دە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدى بىلەن ئېرىغا ئوكۇل ئۇرۇپ قويىدىكەن، ئاندىن چارۋىلارغا يەم - خەشەك بېرىدىكەن، ئارقىدىن ھويلىنى سۈپۈرۈپ، تاماق ئېتىپ، ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەيدىكەن... نەچچە كۈندە بىر قېتىم كوزۇپلۇق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ يېزىغا بېرىپ يەم - خەشەك سېتىۋالىدىكەن، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىنىمۇ تەرتىپلىك پەرۋىش قىلىدىكەن.

ئايجامال تۆت يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەن، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بارلىق چارە - ئاماللار بىلەن بىز نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېزرەك ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، مەنمۇ غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپ، ياشلارغا ئۈلگە بولىمەن».

كىچىك كەسىپ «قىزىپ كەتتى»

كۈز كۈنلىرىدىكى شاتى مەھەللە كەنتىدە مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، يېقىشلىق شامال يۈز - كۆزلىرىمىزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، پاكىز، رەتلىك غول يول ياقىسىدا گېسان گۈللىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئېتىزدا مول ھوسۇلدىن كېيىنكى ياڭاق دەرىخى ۋە چامغۇر بولۇق ئۆسكەنىدى. مۇخبىرلار ياڭ لېيغا ئەگىشىپ ئاق تېرەكلىك جيەنبۇ يولىغا كەلدى، بۇ يول ئۇ ئەڭ ئىپتىخارلىنىدىغان «مەنزىرە نۇقتىسى» ئىكەن. «يېزا - كەنت ساياھىتىدە سۈرەتكە چۈشىدىغان ئەڭ ياخشى جاي» دەپ باھا بەردى ئۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدا چوقۇم يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يولدا مېڭىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، يېزىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىش، يېزا پۇرىقى بولۇشقا دىققەت قىلىش، يېزا - كەنت قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنى ساقلاپ قېلىش، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. «يۇرت سېغىنىشى»نى باش تېما قىلغان يېزا - كەنت ئېكسكۇرسىيە - ئىستىراھەت كەسپى بەرپا قىلىپ، «يۇرت سېغىنىشى»نى چۆرىدەپ كۈچەش دەل شاتى مەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنىڭ باش تېمىسىدۇر.

«كەنت ئاھالىلىرى دائىم مەن بىلەن بەختنىڭ نېمىلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ، كىرىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك ئىنتىلىدىغان گۈزەل تۇرمۇشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆستى. بەختنىڭ ئاساسى يەنە خاتىرجەم تۇرمۇش، ئۇ بولسىمۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئەسلەيدىغان ئاشۇ نەرسە. بۇ گەپ مېنى ئىلھاملاندۇردى.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: كەنت تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، خاس كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھىتىگە تۈرتكە بولدى.

مۇخبىرلار شۇنى كۆردىكى، كەنتتە خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش رايونى، نان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە مىللىيچە پىشۇرۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلغانىدى. «بىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلاپ يەتكىنىمىز گىردە نان بولدى.» ياڭ لېي مۇنداق دېدى: كەنتتە بىر ناۋايخانا بار بولۇپ، ياققان گىردە نېنىنىڭ خوتەن شەھىرىدە داڭقى بار ئىدى، ھەر كۈنى نۇرغۇن ئادەم شەھەر رايونىدىن كېلىپ سېتىۋالاتتى. كەنت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، مۇشۇ ناۋايخانىنى مەسئۇل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ بىللە ئىشلەشكە تاپشۇردى.

قىزىل خىزمەت كىيىمى كىيگەن ناۋايخانىنىڭ مەسئۇلى ئابلەت دۆلەت تاۋار ماركىسى بېسىلغان ئوراپ قاچىلاش قېپىنى قولىغا ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مەبلەغ غەملەپ ئۈسكۈنە ئېلىپ بەردى، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تىجارەت باشلىدۇق. «ھازىر ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئون ئادەم بار، مەن كەنت ئاھالىلىرىگە نان يېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىمەن، بىللە ياخشى كۈن كەچۈرىمىز» دېدى ئۇ.

مۇخبىرلار نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان مىللىيچە پىشۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كەلدى، ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئەينەك تام بىلەن ئايرىلغانىدى، ئايال ئىشچىلار ماسكا تاقاپ خېمىر يۇغۇرۇپ پىشۇرۇق پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بىز تازىلىق ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ تەملىك ھەم ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى مەسئۇل كىشى مەتياسىن مەتتۇرسۇن.

نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەتياسىن مەتتۇرسۇننىڭ خوتۇنى ئايشەم ھەبىبۇللا مەخسۇس خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئۆگىنىپ، ئۈچ ئاي ۋاقىتتا ئون نەچچە خىل پىشۇرۇق پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى، بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان سەككىز ئايال ئىشچىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىدى. مەتياسىن مەتتۇرسۇن مۇبالىغە تەلەپپۇزىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «سىلەر بالدۇرراق كەلگەن بولساڭلار ياخشى بوپتىكەن، مەن چۈشۈمدىمۇ بۇنداق ھەيۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنىڭ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن».

ئۇنىڭ دېگىنى، بۇ يىلقى جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى بىر ھەپتە بولۇپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، زاۋۇت 35 مىڭ تال يۆبىڭ زاكازى قوبۇل قىلغان، بۇ ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننى ئالدىرىتىپلا قويغان، ئۇلار دەررۇ ۋاقىتلىق ئىشچى قوبۇل قىلغان، ئۇ كۈنلەردە 30 نەچچە ئىشچى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقارغان، كۆپچىلىك نۆۋەت ئالمىشىپ ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاپ، 150 مىڭ يۈەنلىك سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

26 ياشقا كىرگەن روزىنىسا مەتقازى بۇ يەردە ئىشلەپ، ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئۇ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. «ئائىلىمىزمۇ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ، مەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپىمەن» دېدى ئۇ.

بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان 100 نامرات ئائىلىدە تېخنىكا كەمچىل، ئەمگەك كۈچى كەمچىل، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كەمچىللەر %70نى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار خىزمەت ئەترىتى ئەڭ غېمىنى يەيدىغان كىشىلەر توپى. ياڭ لېي مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە ياشانغانلار، بالىلار بار، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا موھتاج، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشى قىيىن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كىچىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆپچىلىكنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىرەر تېخنىكا ئۆگىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

كەسىپ گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كىچىك ئەمەس. شاتى مەھەللە كەنتى يەنە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئۈستىقۇددۇس ئېكسكۇرسىيە بازىسى، ئورمانلىقتا غاز بېقىش بازىسى، بېلىق كۆلچىكى، شياڭگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى پۇقراۋى قونالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىراھەت - ئېكسكۇرسىيە، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا - كەنت ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىدۇ. ياڭ لېي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنتىمىزدە ئۈستىقۇددۇسنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ، كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق، بۇ بىر نەچچە كۈندە 5000 تۈپ ئۈستىقۇددۇس مايسىسى سېتىۋېلىپ، ئۈستىقۇددۇس گۈللۈكى قۇرىمىز.

بېيىش باشلامچىلىرىنىڭ «نامى چىقتى»

«كەنتتە بىر تۈركۈم ئاممىغا يېقىن كىچىك كەسىپلەر بار بوپتۇ، ئۇنداقتا، نامرات ئاھالىلەرنىڭ بەس - بەستە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قەيەردىن كەلگەن؟» دەپ سورىدى مۇخبىرلار. ياڭ لېي مۇنداق جاۋاب بەردى: قۇرۇق قائىدە سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوق، كۆرگىلى بولىدىغان پاكىت بىلەن سۆزلەش كېرەك، ئاچقۇچ بىر تۈركۈم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا، شۇندىلا «شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئىش ئۆز - ئۆزىدىن ھەل بولىدۇ».

شاتى مەھەللە كەنتىدە «مەتياسىن» ئىسىملىك كىشىلەر ئاز ئەمەس، لېكىن يۆبىڭ ياسايدىغان مەتياسىن مەتتۇرسۇن ۋە «ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان» مەتياسىن ئەلى تىلغا ئېلىنسا، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، يەنە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشىدۇ. ئىككىيلەن قۇرداش بولۇپ، بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن، ئۇلار ياخشى دوستلاردىن.

مۇخبىرلار مەتياسىن مەتتۇرسۇننىڭ نەپىس بېزەلگەن ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يەرگە گىلەم سېلىنغان، شىمېڭسىنىڭ يېنىدىكى كىيىم ئىشكاپى ياۋروپاچە بولۇپ، ھەرخىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى. ئۇ 2010 - يىلىلا ئاپتوموبىل سېتىۋالغان، شۇنداقلا كەنتتىكى ئەڭ بۇرۇن قۇياش ئېنېرگىيەلىك مۇنچا سېتىۋالغانلارنىڭ بىرى ئىدى.

«توي قىلىپ ئۆي ئايرىپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ يېرىم بولمىغاچقا، ئىزچىل تىجارەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن» دېدى مەتياسىن مەتتۇرسۇن. ئۇ ياڭاقلىرىنى بېيجىڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، يىلىغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، لېكىن شۇ يىللاردا ئۇنىڭ نامى چىقمىغان بولۇپ، ئانچە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىمۇ يوق ئىدى.

ھازىر ئوخشىمايدۇ، كۆپچىلىك تۇرمۇش سۈپىتىگە ئىنتىلىدىغان بولدى، نۇرغۇن يىگىتلەر ئۇنىڭدىن «سودا دەستۇرى» توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، ئۇنىڭ كەنتتە نۇرغۇن «مەستانە»لىرى بار. بولۇپمۇ يۆبىڭ سودىسى جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىردىنلا داڭ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇ داڭلىق شەخسكە ئايلاندى. «بىلەمسىز، بۇ كەسىپنى قىلىش ئۈچۈن ئاكام ئىككىمىز 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى سېتىۋالدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىڭ يۈەننى قەرز ئالغان، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم، ئۆزۈمدە نەدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل قەرز ئالغۇدەك يۈرەك بولسۇن» دېدى ئۇ يەنە بىر قېتىم مۈرىسىنى قىسىپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۇ ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، سالغان دەسمايىسى تەخمىنەن ئىككى يىللاردا ئاندىن قايتىپ كېلەتتى. «بۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بىر ئازاب، بىراق مېنىڭ ئىشەنچىم بار.» مەتياسىن مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ خوتەن شەھىرىدىكى سودا - ساراي تاللا بازارلىرىغا يۆبىڭ توشۇپ، تېخىمۇ كۆپ سېتىش يولىنى كۆزلەيمەن، بېسىم ناھايىتى چوڭ، شۇڭا مەن دائىم ياشلارغا مۇنداق دەيمەن: ياخشى كۈنلەرنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، ئاسماندىن گۆشنان چۈشمەيدۇ.

مەتياسىن مەتتۇرسۇن بالدۇرراق بىر يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ، كۆزىنى ئېچىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «پۇل تېپىش تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈن، توغرىمۇ؟» گەرچە بۇ سوئال بولسىمۇ، بىراق تەلەپپۇزى بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى.

ھەسەل ھەرىسى باقىدىغان مەتياسىن ئېلى يېپيېڭى ئاق كۆڭلەك كىيىپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ ناھايىتى سۆزمەن بولۇپ، مۇخبىرلار بىلەن ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەچۈرمىشى ۋە ساۋاتلىرىنى ئورتاقلاشتى. قىش پەسلىدە ھەسەل ھەرىلىرى پەرۋىش قىلىشقا موھتاج، ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن كېيىن، جىگدە چېچىكى، يانتاق چېچىكى، قىچا چېچىكى، چىلان چېچىكى قاتارلىقلار كەينى - كەينىدىن ئېچىلىدۇ، قەيەردە گۈل بولسا ئۇ ھەسەل ھەرىسى ساندۇقىنى ئېلىپ شۇ يەرگە بارىدىكەن، ئىشلەپچىقارغان ھەسەلنىڭ يېرىمىنى سېتىپ، يېرىمىنى ھەسەل ھەرىلىرىگە قالدۇرىدىكەن. چېچەك پەسلى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئۈزلۈكسىز مەيدان يۆتكىلىپ، ئەڭ يىراق بولغاندا ئاقسۇغا بارىدىكەن، بەزى ۋاقىتتا دالىدا قونۇپ قېلىپ ئىنتايىن جاپا چېكىدىكەن.

«ھەسەل ئالغاندا كۈچنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك، ھەسەل ھەرىلىرى ناھايىتى ئۆم بولۇپ، بىرى يارىلانسا <پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئۆچ ئالىدۇ>، شۇڭا ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ھەسەل ھەرىلىرى ۋە ئۆزىنى ياخشى قوغداش كېرەك.» دەسلەپ ھەسەل ھەرىسى بېقىشنى ئۆگەنگەندە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئون نەچچە قېتىم چېقىۋالاتتى، بىراق ئۇ مۇنداق دېدى: سىز ھەسىلىڭىزنى سېتىپ پۇل تاپقان ۋاقتىڭىزدا ئىلگىرى تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شامھار بىر ياندا تۇرۇپ گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇ <بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ ھەسەن - ھۈسەننى قانداق كۆرگىلى بولسۇن> دېمەكچى، بۇ، دەل بىز كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان ئىدىيە».

مەتياسىن ئېلىنىڭ ھازىر 100 ساندۇقتىن ئارتۇق ھەسەل ھەرىسى بار، خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 200 ساندۇق ھەسەل ھەرىسى سېتىۋېلىپ، تۆت نامرات ئائىلىنى تاللاپ مەتياسىن ئېلىغا بىللە ھەسەل ھەرىسى بېقىپ بېيىشقا شاگىرتلىققا بەردى. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ سىناپ كۆرۈشكە، لاياقەتلىك ئۇستاز بولۇشقا ئالدىراپ، كۆپچىلىككە تېخنىكا ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ھەسەل ھەرىلىرىدىن ئۆگىنىپ ھەر كۈنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلايلى، تىرىشساقلا كۈنلىرىمىز ھەسەلدىنمۇ تاتلىق بولىدۇ.

ياڭ لېي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: شاتى مەھەللە كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چېكىندۈرۈش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا قەدەم تاشلىتىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە قەدەم تاشلىتىمىز، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا قەدەم تاشلىتىمىز.

ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشتە زور نەتىجە كۆرۈلدى

سۈي يۈنيەن

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق» تاختىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. «تەتۈر ساناق» كۈنلىرىدە، ھەربىر نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات كەنتلەرنى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرۈش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تاشلاشنىڭ ھەممىسى، نۇرغۇن مەيدان قاتتىق جەڭ بولۇپ، كادىرلار، ئامما تىرىشىپ ئەڭ مۇنەۋۋەر جاۋاب قەغىزى پۈتمەكتە. بۇ جاۋاب قەغىزى، پىلان تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، سىستېما قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتە، قىيىننىڭ قىيىنى نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش. بىرىنچى قەدەم تاشلانسىلا، نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ۋە غەيرىتىگە كېلىدۇ، ماھارەت ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بار بولىدۇ، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.

شاتى مەھەللە كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلغاندا، بىز ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردۇق. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار بولغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيىش باشلامچىلىرى ناھايىتى ياخشى يېتەكچىلىك رول ئويناپتۇ. كەنتتىكى تۈرلۈك كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ.

بېيىش باشلامچىلىرى ئارىسىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى كىشىنى ئىنتايىن ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىلگىرى ئازراق پۇل تاپسىلا پۈتۈنلەي خەجلەپ تۈگىتىۋېتىدىغان، ئائىلىسىدە ئازراقمۇ ئېشىنچا پۇلى يوق كەنت ئاھالىسى، ھازىر ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەن بولغان يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىغا ئايلىنىپتۇ؛ ئىلگىرى دەرۋازىدىن چىقمايدىغان، ئىشىكتىن چىقمايدىغان يېزا ئاياللىرى، بۈگۈنكى كۈندە ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بوپتۇ.

بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپچىلىككە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى ياساپ بەردى، كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، بىز ئۈمىدنى كۆردۇق، غەيرەتكە كەلدۇق، شۇئان ھەرىكەتكە كەلدۇق.

ئىرادە جەھەتتىن يۆلەشتە زور نەتىجە كۆرۈلدى. كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىق قالپىقىنى تىرىشىپ تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلمەكتە، بۇنداق ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نامراتلىقنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشنىڭ كۈچ مەنبەسى. شاتى مەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش جانلىق ئەمەلىيىتىدىن، بىز جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى كۆردۇق.