«قويچىلىق كەسپى» ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى دەل جايىدا قوزغاتتى

日期:2019年07月21日
来源:新疆日报
【字体:

كۆز ئالدىمىزدا، ئېغىر نامرات بولغان شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدە، يەرلىكتىكىلەر «قويچىلىق كەسپى»نى چۆرىدەپ، چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، «كۆپ دەرىجىلىك بېقىش» كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتەك نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تاپقانلىقتىن، «نامراتلارنى يۆلەش قويى» كەسپى شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى «سەركە»گە ئايلىنىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ياخشى ئۈنۈمىنى نامايان قىلماقتا.

«چىرا، كېرىيەدىن ئىبارەت ئىككى ناھىيە ھەر يىلى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىن قوي سېتىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچنېمىگە دال بولمىغان، ئەلا سۈپەتلىك نەسىللىك قوينى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كۆلەملەشتۈرۈپ تەمىنلەشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدى.» خوتەن ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى يۈفۇ مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قوي بېقىش ئەنئەنىسى بار، يېمەك - ئىچمەكتە قوي گۆشىنى ئاساس قىلىشقا ئادەتلەنگەن، لېكىن قوينىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەن، نەسلى چېكىنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېقىش ئۇسۇلى يىرىك، كەسىپلىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، يەرلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن، تيەنجىن يېمەكلىك گۇرۇھى بىلەن ئاۋچۈن چارۋىچىلىق شىركىتى چىرا ناھىيەسىدە جىنكېن ئاۋچۈن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرۇپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما بازىرىدا يىللىق نەسىللىك قوي بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 18 مىڭ تۇياق كۆلىمىدىكى يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىسىنى مەبلەغ سېلىپ قۇردى. تۈر يادرولۇق رايونى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 450 مىڭ تۇياق يەرلىك ساغلىقنىڭ نەسلىنى ياخشىلايدۇ ھەم ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە چىرا، كېرىيە ناھىيەسىدە 1 مىليون تۇياق قوينىڭ نەسلىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

«يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرى كارخانىدا ئىشلىسە بولىدۇ، كارخانا يەنە قومۇش، بېدە قاتارلىقلارنى سېتىۋالىدۇ، قويچىلىق كەسپى يەرلىكتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.» جىنكېن ئاۋچۈن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دەي شىيوۋ مۇنداق دېدى: كارخانا يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش ساغلىقى ئېلىپ بەردى، دېھقان ئائىلىلىرى يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىسى ۋە گۆش قويىنى كېڭەيتىش - كۆپەيتىش مەيدانىغا پاي قوشتى، كارخانا بىرتۇتاش تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل، يىل ئاخىرىدا پاي قوشقانلار پايدا تەقسىملەشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى لى ۋېنيۈن مۇنداق دېدى: پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش ۋە ئەمگەك قىلىش - ئىشلەمچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈردە كىرىم قىلىش ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 5000 يۈەن ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە كارخانا 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر 104 مىليون يۈەن يانداش مەبلەغ ئاجرىتىپ، شۇ جايدا ناھىيە بىرلىك قىلىنغان، كۆپەيتكىلى بولىدىغان «باشلامچى كارخانا (باش مەيدان) + بازا (شۆبە زاۋۇت) + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق ئائىلىسى (نامرات ئائىلە)»دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك گۆش قويىنى كېڭەيتىش - كۆپەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، چىرا، كېرىيە ناھىيەلىرىدە ئىككى يادرولۇق نەسىللىك قوي فېرمىسى قۇردى ھەم ئەتراپتا 20 كېڭەيتىش - كۆپەيتىش شۆبە زاۋۇتى قۇرۇش، 151 باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ئۆزگەرتىش، 1425 باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن ۋىلايىتى يەنە نەسىللىك قوي نەسلىنى كېڭەيتىش - كۆپەيتىش، يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، سويۇش - پىششىقلاش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۆت چوڭ سىستېما كەسىپ زەنجىرى» قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىقتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش باشلانغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 120 مىڭ توننا بولغان يەم - خەشەك زاۋۇتى ۋە يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 500 مىڭ تۇياق كۆلەمدىكى قۇشخانىدا، نەسىل، يەم - خەشەك تەييارلاش، ۋاكسىنا ئەملەش، يۇقۇمدىن ساقلىنىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى، قوغداش باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت «بەش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن باقمىچىلىق ئەندىزىسى»نى يولغا قويدى، نۆۋەتتە 630 مىڭ تۇياق كۆلەمدىكى باقمىچىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 1959 كىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى، 6321 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىش - يۆلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 15 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىلدى، تۈرتكە بولۇندى. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەن ۋىلايىتى «نامراتلارنى يۆلەش قويى» كەسپى ئارقىلىق 174 مىڭ 600 كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىكەن، بۇ پۈتۈن ۋىلايەتتىكى نامرات نوپۇسنىڭ %18.7ىنى ئىگىلەيدىكەن.