چاپچال باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2019年05月27日
来源:新疆日报
【字体:

تاڭ يورۇشى بىلەنلا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل جۈمەنالى رېشاتكىلىق ئىشىكنى ئېچىپ، بىر ھارۋا سىلوسنى ئەكىرىپ، كالىلىرىغا «ناشتىلىق» بەردى.

ئايگۈلنىڭ شۇ جايدىكى باقمىچىلىق باشلامچى كارخانىسى − كۆكدالا شەھىرى چۇاڭجىن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە كالا بېقىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى ھەم ئالاقىدار كەسىپلەرگە تايىنىپ، شۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشى پۇل تاپتى.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ناھىيەسى بولۇپ، كالا بېقىش تارىخى ئۇزاق. 2013- يىلى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت گېرمانىيەنىڭ سىمېنتال كالىسىنى كىرگۈزۈپ، شۇ يەرنىڭ «يەرلىك كالىلىرى»نىڭ نەسلىنى ياخشىلىدى. نەسلى ياخشىلانغان كالىلار توپى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا − چۇاڭجىن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنى بۇ يەردە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، يەرلىكنى «كالىچىلىق» كەسپىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، ئەتراپتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، باقمىچىلىق مەيدانىدا كالا باققۇچى بولغان ئايگۈل ئايدا 3200 يۈەن مائاش ئالىدۇ، «يىراققا بارمايمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم».

ئايگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېرىممۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئەر - خوتۇن ئىككىمىزنىڭ يىللىق كىرىمىمىز 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇنداق «ئەر - خوتۇن ھەمراھلار» باقمىچىلىق مەيدانىدا خېلى كۆپ.

چۇاڭجىن چارۋىچىلىقىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى جاڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باقمىچىلىق مەيدانىدا قوتاندىكى ھەر خىل كالا 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئىشلەمچىلەرگە بولغان ئېھتىياج ناھايىتى چوڭ. نۆۋەتتە، پۈتۈن باقمىچىلىق مەيدانىدا 475 ئىشچى بار، ھەممىسى مۇشۇ يەردىكى دېھقان - چارۋىچىلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %60نى ئىگىلەيدۇ.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باقمىچىلىق مەيدانى ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئامانلىق ساقلىغۇچى دېگەندەك بىر قىسىم يېنىك جىسمانىي ئەمگەك ئىش ئورنى بىلەن مەخسۇس تەمىنلىدى، «ئايدا نەچچە مىڭ يۈەن مائاشى بار، تۇرمۇشىنى قامدىشىدا چاتاق يوق» دېدى جاڭ پىڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا، باقمىچىلىق مەيدانى ھەر يىلى 150 مىڭ توننا سىلوسنى زاكازلىق سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىكى 440 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ سىلوس قونىقى قاتارلىقلارنى تېرىشىغا تۈرتكە بولدى، مۇشۇ بىر تۈردىلا ھەربىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشتى؛ باقمىچىلىق مەيدانى ھەر يىلى يەنە ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەردىن 30 مىڭ توننا تاشلاندۇق شاخ - شۇمبا سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمى 150 يۈەن كۆپەيدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چۇاڭجىن چارۋىچىلىقى 3476 مو باقمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلغان، 127 باقمىچىلىق قوتىنى سالغان، يىلىغا 100 مىڭ تۇياق كالا سويىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە ئىگە بولۇپ، توڭلىتىلغان گۆش، سوغۇق ساقلانغان يېڭى گۆش قاتارلىق مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە، شەھەرگە سېتىلىدىكەن، 2018- يىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپتۇ.

«ھازىر كالىلارنى ياخشى بېقىپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەن» دېدى ئايگۈل جۈمانالى گەپ ئارىلىقىدا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھارۋىغا لىق بېسىلغان سىلوس «ئاشلىقى»نى كالىلار پاك - پاكىز يەپ بولغانىدى.