شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىگە 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توردا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

日期:2023年02月17日
来源:天山网
【字体:

2023-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىگە 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىداتوردا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر كۆرگەزمە ھۆكۈمەت تورى www.camf.com.cnغا چىقىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش رەسمىيەتلىرىنى تاماملىسا بولىدۇ.

2023-يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىشىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى، بېجىرگۈچىئورۇنلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى، كۆرگەزمە كۆلىمى، كەسپىي كۆرۈرمەنلەريىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، خەلقئارالىشىش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ قاينام-تاشقىنلىق تەرەققىياتىۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى نامايان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىكماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە دائىرىسى ھەم كۆرگەزمەمەخسۇس رايونىدا ئاقىل يېزا ئىگىلىككۆرگەزمىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنا جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كۆرگەزمىسى، خاس مەخسۇس رايون كۆرگەزمىسى ۋە نەق مەيدان ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى كۆرگەزمە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆرگەزمە رايونلىرىتەسىس قىلىنغان.

ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەر؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى، رايون-بۆلەك زەنجىرى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تۆۋەن قاتلامدىكى ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكا ۋە مەخسۇس زاپچاسلار، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەسى، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېزا ئىگىلىك يۇمشاق دېتالى، ئالاقە تور مۇلازىمەت سۇپىسى، مېتېئورولوگىيە، ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئاساسى قوللانمىسى، خەۋەرلىشىش ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىباب زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنا جابدۇقلىرى كۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ماشىنىلىرى، يەر ئاغدۇرۇش، تۈزلەش ماشىنىلىرى، تېرىش-ئوغۇتلاش ماشىنىلىرى، ئېتىز پەرۋىشى ماشىنىلىرى، سۇغىرىش ماشىنىلىرى، يىغىش ماشىنىلىرى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى جابدۇقلىرى، تېرىقچىلىقتىكى تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، يەم-خەشەك (ئوت-چۆپ) يىغىش-پىششىقلاش-توشۇش ئۈسكۈنىلىرى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى ماشىنىلىرى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش-ساقلاش-توشۇش ئۈسكۈنىلىرى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ماشىنىلىرى، ئۇرۇق پىششىقلاش ماشىنىلىرى، ئاشلىق، ماي، شېكەر ماشىنىلىرى، پاختا، كەندىر، پىلە قۇرتى ماشىنىلىرى، باغ-ئورمان، كۆكتات، چاي ماشىنىلىرى، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ماشىنىلىرى، خۇش پۇراق ماتېرىياللار ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل، تىرانسپورت ماشىنىلىرى، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ماشىنىلىرى، ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىكۆرگەزمە مەزمۇنى ئاساسلىقى ھەر خىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ زاپچاسلىرى، قوشۇمچە زاپچاسلار، پىششىقلاش-رېمونت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، سايمان، بۇيۇملار؛ ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خاس مەخسۇس رايون كۆرگەزمىسى ئاساسلىقى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، پاختىچىلىقماشىنىلىرى، باغ-ئورمان، كۆكتات، چاي ماشىنىلىرى، سۇ، ئوغۇت، دورا سايمانلىرى، ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈسكۈنىلىرى، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى، مەكتەپ بىلەن كارخانىلاردىكىئىختىساسلىقلارنىئۇدۇللاشتۇرۇش، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق مەخسۇس رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نەق مەيدان ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى كۆرگەزمىسى ئاساسلىقى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، تۈرلۈك زىرائەتلەر، پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى