«توردا باھار بايرىملىق مال سېتىش بايرىمى»دا شىنجاڭنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.72 ئاشتى

日期:2023年01月31日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرخېي خۇڭۋېيخەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىللىق «توردا باھار بايرىملىق مال سېتىشبايرىمى» مەزگىلىدە (2022-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە) شىنجاڭنىڭتوردا پارچە سېتىش سوممىسى 5 مىليارد 907 مىليون يۈەن بولۇپ،بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.72 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ماددىي بۇيۇم تىپىدىكىلەرنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى 4 مىليارد 193 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.58 ئاشقان.

1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىش بايرىمى «شېرىن تەمگە تولغانسانجى . باھار بايرىمىدا نەپ يەتكۈزۈپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى باشلاندى، شىنجاڭ گاۋيەن، سانجى لاۋياڭدىن ئىبارەت ئىككى تور دارېنى سانجىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

جېڭ جۇڭنەن فوتوسى

ھەرقايسى كەسىپلەرئىچىدە، يېمەكلىك-ساقلىقنى ساقلاش، ئۈنچە مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئائىلە بۇيۇملىرىنىڭتوردا پارچە سېتىلىش سوممىسى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 مىليارد 597 مىليون يۈەن، 474 مىليون يۈەن، 258 مىليون يۈەن بولغان؛ دورا،ئۈسكۈنىلەر، 3C رەقەملىك، ھۆسن تۈزەش، پەرۋىش قىلىش كەسىپلىرىدەتېز سۈرئەتتە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ،ئېشىش سۈرئىتىبۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىنئايرىم-ئايرىم ھالدا %37.59، %27.07، %،17.95 بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.

تېز سېتىلغان ماددىي بۇيۇم تىپىدىكى تۈرلەردىنقارىغاندا،چىلان، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، گازىر-پۇرچاق، ئالما قاتارلىقلارنىڭ تېز سېتىلىشى كۆرۈنەرلىكبولغان، سودا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىگەرلىرى «باھار بايرىمى»دا راسا كۈچىگەن، «توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىش بايرىمى» مەزگىلىدە، شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.23 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلارنىڭ ماددىي بۇيۇم تىپىدىكىلەرنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 597 مىليون يۈەن، يېزىلارنىڭ مۇلازىمەت تىپىدىكىلەرنى توردا پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 333 مىليون يۈەن بولغان.

ئاھالىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، سوۋغا-سالام تەييارلاش، كۆكتاتزاپاس ساقلاش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چاي-ئىچىملىك، مېۋە-چېۋە، دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردىكى سېتىلىشى تېزبولغان. «توردا باھار بايرىمىلىق مال سېتىشبايرىمى» مەزگىلىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا پارچە سېتىلىش سوممىسى جەمئىي 1 مىليارد 850 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.08 ئاشقان. كەسىپلەر ئىچىدە مېۋە-چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى كەسپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليارد 104 مىليون يۈەن، 214 مىليون يۈەن، 135 مىليون يۈەن بولغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى