ئالمىلار پىشتى، پىدائىيلار دېھقانلارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە كۈچ قوشتى

日期:2022年11月14日
来源:天山网
【字体:

 ھازىر، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئالما ئۈزۈش پەسلى. 11-ئاينىڭ بېشىدا، بۇ ناھىيەنىڭ باغتوغراق يېزىسى ئوتلاق كەنتى پىدائىيلار مۇلازىمىتى شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ باغلارغا كىرىپ، باغۋەنلەرنىڭ ئالما ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار يەنە «تور + تور سىرتى» ئەندىزىسى ئارقىلىق سودىگەرلەرنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالما سېتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۈن جيې، ساۋ خەيلۇڭ)

پىدائىيلار ئايرىپ بولۇنغان ئالمىلارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

پىدائىيلار ئالمىنى ۋاقتىدا ئۈزۈش، سېتىشقا ياردەم بېرىپ، باغۋەنلەرنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. سۈرەتتە، باغۋەن ئالمىلارنى بازارغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى