لوپنۇر ناھىيەسىدىكى 3000 مو «دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىك»تىن مول ھوسۇل ئېلىندى

日期:2022年11月09日
来源:天山网
【字体:

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى 3000 مو دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىكتە، يىغىش، پىرېسلاش، تايلاشنى بىر گەۋدە قىلغان ئۆزى يۈرەر تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى كېۋەزلىكتە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ مەشغۇلات قىلماقتا.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

لوپنۇر ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك ئىنچىكە تالالىق پاختا ۋە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ھاۋا كىلىمات شارائىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە لوپنۇر ناھىيەسى ئىشلەپچىقارغان پاختىنىڭ تالاسى ئۇزۇن، رەڭگى ياخشى، سۈپىتى يۇقىرى بولغاچقا، «دۆلەت دەرىجىلىك ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى» ۋە «مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە» دېگەن ناملارغا ئېرىشتى.

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى 3000 مو دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىكتە، ئاپتوموبىللار يېڭى پاختىلارنى توشۇماقتا.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، لوپنور ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىدىكى 3000 مو دەرىجىدىن تاشقىرى كېۋەزلىكتە، كېۋەز تېرىغۇچىلار يېڭى پاختىنى قولىغا ئېلىپ مول ھوسۇل شادلىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى