​بۇ مۇكاپات - ياردەم پۇللىرى دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ

日期:2022年11月07日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىز قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىكى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىدۇ​

بۇ مۇكاپات - ياردەم پۇللىرى دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى يېزا - كەنت كەسىپلىرى تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ خۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق مۇھىم ئامىلىنى توپلاپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرلىك قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ دېھقانلار بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى پايدىسىدىن مۇۋاپىق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2020 - يىلىدىن باشلاپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز مول يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تايىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەغەز ياڭاق، كورلا نەشپۈتى، ئۈزۈم، ئىلى ئېتى، پاختا، قوڭۇر كالىدىن ئىبارەت ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى ھەم بەرپا قىلدى.

دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

2022 - يىلى، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ 350 مىليون يۈەن مۇكاپات - ياردەم پۇلى بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە: قوڭۇر كالا كەسىپ توپىنىڭ 100 مىليون يۈەن، قەغەز ياڭاق كەسىپ توپىنىڭ 50 مىليون يۈەن، كورلا نەشپۈتى كەسىپ توپىنىڭ 50 مىليون يۈەن، ئۈزۈم كەسىپ توپىنىڭ 50 مىليون يۈەن، ئىلى ئېتى كەسىپ توپىنىڭ 50 مىليون يۈەن، پاختا كەسىپ توپىنىڭ 50 مىليون يۈەن.

«ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى تۈرىدە ئاساسلىقى توپ ئىچىدىكى كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، بازار كۇرسلۇق ماركا سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ. مەركەز مالىيەسى بەرگەن مۇكاپات - ياردەم پۇلىنىڭ %60تىن كۆپرەكى پىرىنسىپ جەھەتتە توپ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىشلىتىلىدۇ، كارخانا قاتارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىشتە ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق جەمئىيەت كاپىتالى سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇكاپات - ياردەم پۇلىنى پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش، پايدا تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلار نەپكە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.» جاڭ خۇ مۇنداق دېدى: تىرىشىپ رايون ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىغا ئىگە بولغان بىر تۈركۈم يېتەكچى كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، بايلىق مۇھىم ئامىلى توپلانغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەر تەسىس قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشى جانلىق بولغان بىر تۈركۈم تىجارەت سۇبيېكتلىرى يېتىلدۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىنىپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەشتىكى بىر يۈرۈش مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

كەسىپلەر توپى تۈرىنى يولغا قويۇش دائىرىسى بېكىتىلدى

جاڭ خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى تۈرىنى يولغا قويۇشتا دىققەت پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى ئاساسى ياخشى، كۆلىمى چوڭ، خاسلىققا ئىگە، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى روشەن بولغان يېتەكچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى «كاللەكسىمان ئىقتىساد»تىن ئاپتونوم رايون بويىچە «بەلباغسىمان ئىقتىساد»قا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

قەغەز ياڭاق كەسىپ توپى. ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، خوتەن ناھىيەسىدىن ئىبارەت تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بەش ياڭاق كەسپى ئەۋزەل رايونىنى قاپلايدۇ. زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 16 تارماق تۈر نۇقتىلىق قۇرۇلىدۇ.

كورلا نەشپۈتى كەسىپ توپى. كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسىنى قاپلايدۇ. نەشپۈت بازىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نەشپۈت پىششىقلاش ئوبوروت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 19 تارماق تۈر نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ.

ئىلى ئېتى كەسىپ توپى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىبارەت سەككىز ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ. ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 30 تارماق تۈر نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

ئۈزۈم كەسىپ توپى. سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى، خوتەن ناھىيەسىدىن ئىبارەت سەككىز ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ، ئۈزۈم بازىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۈزۈم ھارىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 37 تارماق تۈر نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

قوڭۇر كالا كەسىپ توپى. ئىلى دەرياسى جىلغىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، ئېرتىش دەريا ۋادىسى، ئۈرۈمچى - سانجى رايونى قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپ رايونىدىكى ئون ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ، قوڭۇر كالا نەسلى كەسپىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇش، خاس مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 18 تارماق تۈر نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

پاختا كەسىپ توپى. قۇتۇبى ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، جىڭ ناھىيەسى، ساۋەن شەھىرىدىن ئىبارەت ئالتە ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى، پىششىقلاش كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشتىكى 19 تارماق تۈر نۇقتىلىق يولغا قويۇلىدۇ.

«باشلامچى» كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشىغا ئالدىن مەدەت بېرىلدى

«ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپى تۈرىنى يولغا قويۇشتا ئېنىق باشقۇرۇش تەلىپى بار.» جاڭ خۇ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى تۈرلەر يولغا قويۇلغان ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاي بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت يۆنىلىشىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە، مەبلەغ ئىشلىتىشنىڭ قېلىپلىشىشىغا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر توپى تۈر قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىش، سۇ ئىشلىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئوخشاش شارائىتتا يېزا - كەنت كەسىپلىرىدىكى باشلامچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان «باشلامچى» لارنى تەربىيەلەش تۈرىگە قاتناشقان باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى ئالدىن قوللاش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى بويىچە سودىگەر چاقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچى كارخانىلار ۋە تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى ناھىيە ھالقىغان كەسىپلەر توپى باغچىسىغا توپلىنىشقا يېتەكلەپ، كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىدا پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.