قورغاس: سۈپەتلىك نەسىل كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

日期:2022年11月04日
来源:天山网
【字体:

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى چارۋىچىلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، كالا، قوي نەسلىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش، ئەلا سورتلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، بۇ شەھەرنىڭ يىچىگاشەن شىبە يېزىسى چىچىگاشەن كەنتىدىكى باقمىچى ما شوۋچېڭ ئۆلچەملىك قوي قوتىنىدا، قوتاننى تازىلىماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىرى ليۇ يۈلۇڭ)

بۇلتۇر 8-ئايدا، ما شوۋچېڭ گەنسۇدىن 222 تۇياق خۇياڭ قويى كىرگۈزگەنىدى. بىر يىلدىن بۇيان، خۇياڭ قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى %215كە يېتىپ، ئەي بولۇش نىسبىتى %85تىن ئاشتى، بۇ يىل 200 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىشى مۆلچەرلەندى.

يىچىگاشەن شىبە يېزىسى سۆگەتلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بەدىقان ئۇراشنىڭ ھويلىسىدىكى رەتلىك كالا قوتىنى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. 2019ـ يىلى، ئۇ بۇ كەنتنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، ئۆلچەملەشكەن كالا قوتىنى سېلىپ، نەسىللىك كالا سېتىۋېلىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغانىدى، بۈگۈنكى كۈندە، كالىسى دەسلەپكى يەتتىدىن تەرەققىي قىلىپ 30غا يەتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى