يېڭىسار: بېيىشتىكى «ئالتۇن كاۋا» ھەمياننى تومپايتتى

日期:2022年11月03日
来源:天山网
【字体:

كەچ كۈزدە، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ توپلۇق يېزىسىدىكى سەي كاۋىسى يىغىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، توپلۇق يېزىسى يىڭىھايات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇللا رۇسۇلنىڭ سەي كاۋىسى تېرىغان ئەگمە پارنىكىدا كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش، خالتا كىيدۈرۈش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن ياليەن)

  ئابدۇللا رۇسۇل بۇ يىل 20 مو يەرگە سەي كاۋىسى تېرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن سەي كاۋىسى ياخشى ئۆستى، مۆلچەرلىنىشىچە ھوسۇلى ئۈچ توننىغا، مو بېشى كىرىمى 600 يۈەنگە يېتىدىكەن.

  سەي كاۋىسى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «ئالتۇن كاۋا» بولۇپ قالدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى