قەشقەر شەھىرى پاختەكلى يېزىسى: سۈيى سۈزۈك، قىسقۇچپاقىسى سېمىز، يېزا-كەنتلىرى گۈزەل

日期:2022年11月02日
来源:天山网
【字体:

  

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى كەسىپ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قىسقۇچپاقا، كىچىك راك قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش ئارقىلىق، باقمىچى ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىر باۋ شۆليەن)

  10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پاختەكلى يېزىسى تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتىدىكى قەشقەر شەھىرى شيېفېڭيۇەن باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلچىكىدە، قىسقۇچپاقىلار يىغىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر كۈنى 100 كىلوگىرامدىن 200 كىلوگىرامغىچە قىسقۇچپاقا يىغىۋالالايدۇ.

  بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلغان قىسقۇچپاقىلار چوڭ، سېمىز، كۆركەم.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى