كورلا نەشپۈتىگە مەملىكەت بويىچە ئالدى ئىسكىلات ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يەتكۈزۈلىدۇ

日期:2022年11月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا) شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلار كورلا نەشپۈتى سېتىۋالسا، قانچىلىك ۋاقىتتا مال يەتكۈزۈلىدۇ؟ جاۋاب شۇكى، ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ. 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، مۇخبىرنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا كورلا نەشپۈتىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، بۇ جەمئىيەت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كورلا نەشپۈتى ئالدى ئىسكىلاتى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ، شۇ چاغدا ئىستېمالچىلارنىڭ كورلا نەشپۈتى سېتىۋېلىپ ساقلاش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىرايدىكەن.

«بىز بۇلتۇردىن باشلاپ ئالدى ئىسكىلات قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باشلىدۇق، بۇ سوغۇق ساقلاش ئامبىرىنى ئىجارىگە ئېلىش، ھەمكار ئىزدەش، ئادەم كۈچى تەشكىللەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىلان بويىچە، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالتە چوڭ رايوندا ئالدى ئىسكىلات تەسىس قىلىمىز، بۇ جەنۇبىي جۇڭگو رايونى (گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرى)، شەرقىي جۇڭگو رايونى (جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرى)، غەربىي شىمال رايونى (شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى)، غەربىي جەنۇب رايونى (سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى)، شىمالىي رايون (بېيجىڭ شەھىرى) ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى (خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرى)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغا قەدەر، فوشەن شەھىرى ۋە چېڭدۇ شەھىرىدىكى ئالدى ئىسكىلات ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىلغان كورلا نەشپۈتى ئالدى ئىسكىلات ئارقىلىق سېتىلىشقا باشلىدى. بارلىق ئالدى ئىسكىلات پۈتكەندىن كېيىن، كورلا نەشپۈتىنىڭ يىللىق ھوسۇلىنىڭ تەخمىنەن %30ى ئالدى ئىسكىلاتتا پىششىقلاش، ئوراپ- قاچىلاش، سېتىشقا يۆتكىلىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا باش ئىشتابى كورلا شەھىرىدە تەسىس قىلىنىپ، دوۋيىن سۇپىسىغا بىرلەشتۈرۈپ توردا ۋە تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا نەشپۈتى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى شېڭ جېنمىڭ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كورلا نەشپۈتىنىڭ فوشەندىكى ئالدى ئىسكىلاتىدا ئالتە سوغۇق ساقلاش ئامبىرى بار بولۇپ، ئىسكىلاتنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 7500 كۇب مېتىر، كۈندىلىك يۈرۈشتۈرۈپ مال چىقىرىش ئىقتىدارى 28 مىڭ يەشىك ئىكەن. «فوشەندىكى ئالدى ئىسكىلاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى كورلا نەشپۈتىنى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئىستېمال بازىرىغا تېز تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان، ئىستېمالچىلار توردا زاكاز چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ تېز بولغاندا شۇ كۈنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ ئەتىسى يەتكۈزۈلىدۇ، كورلا نەشپۈتىنىڭ بازارنى ئىگىلەش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.» فوشەندىكى ئالدى ئىسكىلات تىجارەت كارخانىسى − خۇاخاۋ مەدەنىيەت- پەن- تېخنىكا (گۇاڭجوۋ) چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، فوشەندىكى ئالدى ئىسكىلاتتا كورلا نەشپۈتىدىن 30 نەچچە توننا سېتىلىپ، بازار ناھايىتى قىزىپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كورلا نەشپۈتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئۆزگىچە ئېسىل نەشپۈت سورتى بولۇپ، پوستى نېپىز، ئېتى يۇمشاق، چۈرۈك، تاشلاندۇقى يوق، پۇرىقى يېقىشلىق بولغاچقا، «غەربىي يۇرت ئادەمگىياھ مېۋىسى»، «شەرقنىڭ مۇقەددەس مېۋىسى»، «نەشپۈتلەر ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق بۇيۇم» دەپ تەرىپلەنگەن. نۆۋەتتە، كورلىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 400 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى تەخمىنەن 300 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.

كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى مۇنكۇنگەر كەنتىدىكى نەشپۈتلۈكتە، نەشپۈت ئۈزگۈچى خادىملار نەشپۈت ئۈزمەكتە. ما شياڭچيەن فوتوسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا نەشپۈتى دۆلەت ئىچىدىكى سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ مېۋە توپ سېتىش بازىرى − بېيجىڭ شىنفادى توپ سېتىش بازىرى، گۇاڭجوۋ جياڭنەن مېۋە، كۆكتات توپ سېتىش بازىرى، جياشىڭ مېۋە توپ سېتىش بازىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ كورلا نەشپۈتىنى ساتتى؛ دۆلەت ئىچىدىكى مېۋە سېتىش داڭلىق كارخانىسى بەيگويۈەن بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىپ كورلا نەشپۈتىنى ساتتى؛ ئەلىبابا، جىڭدۇڭ قاتارلىق داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، توردا كورلا نەشپۈتىنى ساتتى. نۆۋەتتە، كورلا نەشپۈتى دۆلەت ئىچىدىكى 300 شەھەردە نەشپۈت سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى.