ھەرقايسى جايلار مېۋە ـ چېۋىلەرنى يىغىۋېلىش، سېتىپ چىقىرىشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى

日期:2022年08月19日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ـ چېۋە مەھسۇلاتلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، پىدائىيلار قوشۇنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ ۋاقتىدا يىغىۋېلىشىغا ھەم كۆپ خىل يول ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشىغا ياردەم بەردى.

«كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ياردىمىدە سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق»

«بىز 500 مو يەرگە بۇيا قوغۇن تېرىدۇق، مۆلچەرىمىزچە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1200 توننىغا يېتىدۇ، نۆۋەتتە 900 توننىدىن ئارتۇق قوغۇن ئۈزۈلۈپ سېتىلدى.» 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇ بازىرى شياۋبىڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قوغۇنلۇقىدا ئەزالار ئۈزۈش، يەشىككە قاچىلاش، توشۇش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى يەن شياۋبىڭ مۇنداق دېدى: بۇيا قوغۇننىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى، تەمى ياخشى بولۇپ، يىل بېشىدىلا گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر تەرىپىدىن زاكاز قىلىنىپ بولغان. ۋاقتىدا ئۈزۈپ توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئادەم كۈچى، ئاپتوموبىل تەشكىللەپ، ئۈزۈش، قاچىلاپ توشۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىمىز، نۆۋەتتە كۈندىلىك مال تارقىتىش مىقدارى 100 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماڭدان يېزىسى ۋۇكېشۇ كەنتىدە قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئەمما سېتىپ چىقىرىش نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى. قوغۇن سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تور ۋە تور سىرتى»دا قوغۇن سېتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىيشىن توپى، دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق «مال سېتىش»قا پائال تەشكىللەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق سېتىش تورى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يەنە قوغۇنچى دېھقانلارنى «باشقىلارنىڭ سېتىۋېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇش»تىن «سىرتقا چىقىپ بازار ئىزدەش»كە يېتەكلەپ، قوغۇنچى دېھقانلارنى باشلاپ بېرىپ ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇردى. نۆۋەتتە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ جەمئىي بەش توننا قوغۇننى سېتىشىپ بەردى.

«بۇ يىل ئائىلىمىزدىكىلەر 40 مو يەرگە قوغۇن تېرىدۇق، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، ھازىر 40 نەچچە مىڭ يۈەنلىك ساتتۇق، يەنە نۇرغۇن كىشى تېلېفوندا زاكاز قىلدى، سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق» دېدى قوغۇنچى دېھقان ئامانتاي مۇستاپا.

8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى ئۇدۇلئۆستەڭ كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدار ئەترىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى دېھقانلار بىلەن بىللە قوغۇن ـ تاۋۇزلارنى جىددىي يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ھېلىمۇ ياخشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ماڭا ياردەملىشىپ ناھىيەلىك تەمىنات ـ سودا كوپىراتىپىغا قوغۇن سېتىپ بېرىشنى ئالاقىلىشىپ بەرگەچكە، ۋاقتىدا سېتىپ چىقىرالىدىم» دېدى كەنت ئاھالىسى ئىسمايىل داۋۇت.

«پىدائىيلارغا رەھمەت، مەن ئالمىلارنىڭ باغدىلا سېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم»

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى ياۋۇلۇڭ كەنتىدە 3000 مودىن ئارتۇق يەردە ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە دەل سېتىش ئاۋات مەزگىلىگە كىردى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، بىڭتۇەن 13 ـ شى شىنشىڭ شەھىرىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئائىلىمۇئائىلە ئۈزۈم يىغىۋېلىشقا ياردەملەشتى، ئەترەت ئەزالىرى بۆلۈنۈپ ئۈزۈم يىغىپ، ئاقما مەشغۇلات قىلدى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يىغىپ يەشىككە قاچىلىغان ئۈزۈم ئىككى توننىدىن ئاشتى.

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى كۆكيار كەنتىدىكى باغۋەن ليۇ ليەننىڭ مېۋىلىك بېغىدا، يىغىۋېلىش، سېتىشقا ياردەملەشكىلى كەلگەن پىدائىيلارنىڭ سېۋەتكە قاچىلانغان قىپقىزىل ئالمىلارنى باغدىن كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ليۇ ليەننىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى: «پىدائىيلارغا رەھمەت، سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار بولغاچقا، مەن ئالمىلارنىڭ باغدىلا سېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم».

باغ ـ ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان كۆكيار بازىرىدا، ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن بالدۇر پىشىدىغان ئالما 600 مو بولۇپ، ئومۇمىي ھوسۇلى تەخمىنەن 1500 توننىغا يېتىدۇ. بۇ بىرنەچچە كۈندە، پۈتۈن بازاردا ھەر كۈنى تەخمىنەن 20 توننا ئالما يىغىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ئالمىلار ھۆكۈمەت ئالدىن ئالاقىلىشىپ بەرگەن سودىگەرلەر تەرىپىدىن باغدىلا سېتىۋېلىنىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئۇچتۇرپان بازىرى توققۇز بۇلاق كەنتىدىكى 350 مو يەردىكى شاپتۇل پىشىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، كۈندىلىك ھوسۇلى تەخمىنەن سەككىز توننىغا يېتىدۇ. ئۇچتۇرپان بازارلىق پارتىيە كومىتېتى پىدائىيلار، كەنت كادىرلىرىنى شاپتۇل يىغىۋېلىش، ئايرىپ تاللاش، ئوراپ قاچىلاشقا ياردەملىشىشكە سەپەرۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن بازاردىكى كادىرلارنى ۋىيشىن توپى، دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق يوللاردىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە سەپەرۋەر قىلدى، نۆۋەتتە 80 توننا شاپتۇل سېتىلىپ بولدى.

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ مۇش يېزىسى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى سېرىق شاپتۇل ئۆستۈرگۈچى ياڭ يەنخۇڭنىڭ شاپتۇللۇق بېغىدا، پىدائىيلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى يىغىش، يەشىككە قاچىلاش، سىرتقا توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، نەق مەيدان ئالدىراشلىققا تولغانىدى. «سېرىق شاپتۇل بىزنىڭ مۇش يېزىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتى، يېزىلىق ھۆكۈمەت كادىرلار ۋە پىدائىيلارنى كېلىپ ياردەملىشىشكە تەشكىللەپ، بىزنىڭ يىغىۋېلىش ۋە سېتىش مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى ياڭ يەنخۇڭ.

«بىز ناھىيە بازىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، مەھەللىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ساتتۇق، يەنە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ دوست ـ بۇرادەرلىرى ئۆزئارا ئۇچۇر يوللاش، دوستلار چەمبىرىكىدە ئۇلاپ تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى ئاچتۇق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى سىرتقا سېتىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى 105 توننىغا يەتتى» دېدى مۇش يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەلشىر ئەركىن.

«مەن ئۆيۈمدە بولمىساممۇ، 100 مو يەردىكى شاپتۇلنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى»

بۇ بىرنەچچە كۈندە، قاغىلىق ناھىيەسى غۇجا ئېرىق يېزىسى ئەل ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ سۇڭكۇينىڭ شاپتۇللۇق بېغىدا، پۈتۈن باغدىكى شاپتۇل شاخلىرى مېۋىسىنى كۆتۈرەلمەي ئېگىلىپ كەتكەنىدى. ئۆزى قاغىلىق ناھىيەسىدە بولمىغاچقا، ۋاڭ سۇڭكۇي، ئائىلىمىزنىڭ 100 مو يېرىدىكى شاپتۇلنى يىغىۋالىدىغان ئادەم بولمىسا، قانداق قىلارمىز؟ دەپ بەك ئەنسىرىگەنىدى.

ئەل ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتۇرسۇن كەنتتىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ ۋاڭ سۇڭكۇي ئائىلىسىنىڭ شاپتۇللىرىنى يىغىۋېلىشى، سېتىشىغا ياردەملەشتى. قىسقىغىنا ئۈچ كۈن ۋاقىتتا، 100 مو يەردىكى شاپتۇلنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىنىپ سېتىلىپ بولدى ھەم شاپتۇل ساتقان پۇل بىرىنچى ۋاقىتتا ۋاڭ سۇڭكۇيگە ئەۋەتىپ بېرىلدى. «مەن ئۆيۈمدە بولمىساممۇ، 100 مو يەردىكى شاپتۇلنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بوپتۇ، كۆپتىن ـ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى ۋاڭ سۇڭكۇي ھاياجانلانغان ھالدا.

8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى بازىرى قارامۇقچى كەنتىدە، يېڭى ياڭاق سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ تىراكتور، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتلىرى تىزىلىپ كەتكەن بولۇپ، باغۋەنلەر ۋە پىدائىيلار ئوراپ قاچىلانغان ياڭاقلارنى ئۇلارغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىگەرچى بازارلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىدار تارماقلار سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىگە يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، باغۋەنلەرنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەقەت بىر كۈندىلا، 70 توننا ياڭاقنى سېتىپ چىقاردى.

ئاقسۇ شەھىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى مېۋە ـ چېۋىلەرنى يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەم بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ساتتى. «ھازىر شىنجاڭنىڭ يېڭى ياڭاقلىرى پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، يېڭى، يۇمران ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويۇش ئاسان، تەمى قىرتاق ئەمەس، چۈچۈمەلمۇ ئەمەس، مايلىق ھەم چۈرۈك بولۇپ، سوغۇق يېمەكلىككە ئارىلاشتۇرۇپ يېگىلى، قىيام قىلغىلى بولىدۇ...» ئېكران ئالدىدا، دىكتور مىرزات كامىل ئاقسۇ كۆك پوستلۇق ياڭىقىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ تونۇشتۇرۇپ سېتىۋاتاتتى. تورداشلار مىرزاتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ئاقسۇنىڭ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ ھېس قىلدى، بىر كۈندە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىلغىنى 1000 تالون ئەتراپىدا بولدى.

(مۇخبىر ۋاڭ خۇڭۋېي، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، ۋېي يۇڭگۇي، سۇڭ ياۋېن، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ جۈنسېن، ليۇ يۈنا، ماۋ جاڭياۋ، ما شۇچىن، مىرئادىل، خۇ شياۋشياۋ، ياڭ جۈەن، لى جيې، ۋەلى قېيۇم، جاڭ يۇڭ، سۈن يالەن، لياڭ جيانى)