[10 يىللىق جاۋاب قەغىزى] زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى

日期:2022年08月18日
来源:天山网
【字体:

[تەھرىر ئىلاۋىسى]

ئون يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئون يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشايلى» سەھىپىسىدە، «10 يىللىق جاۋاب قەغىزى» تارماق سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئون يىلدىن بۇيان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە كۆتۈرەڭگۈ روھ، جۇشقۇن قىياپەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم، ئاشلىق بىخەتەر بولسا، كىشىلەر كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ«ئاساسىي گەۋدىسى»نى تۇراقلاشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تولۇق ئىشەنچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كۈچلۈك بولدى، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تەشكىللەش شەكلى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى مۇنبەت تۇپراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا شالنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرگە تارالدى، ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولدى.

ئىشلەپچىقىرىش شەكلى زامانىۋىلاشتى

مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسى پۇختىلاندى

زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىقنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ۋەكىللىكىدىكى ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى كېڭەيتتى. ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى تېز ئومۇملاشتۇردى.

2021 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 29 مىليون 958 مىڭ 800 كىلوۋاتقا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %52.2 ئاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %85.48كە يېتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى ئادەم كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنداقلا «تۈجۈپىلەپ تېرىش» «يوپۇق ئاستىدىن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش» قاتارلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇش، كېڭەيتىلىش ئاساسىغا ئىگە قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %42.27كە يەتتى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېغىر، زور ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.

«ھازىر يان تېلېفون ئارقىلىقلا كېۋەزلىكنى سۇغارغىلى بولىدۇ، ۋاقىت ۋە كۈچ تېجىلىپلا قالماي، يەنە دەل جايىدا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ.» بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدىكى پاختىكار دېھقان سۈن يىڭچۇن مۇنداق دېدى: سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسى كېۋەزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى دەل جايىدا تولۇقلىيالايدۇ، ھەر مو يەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت تەننەرخىنى 100 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتىنى 50 كىلوگىرام ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ماشىنىلاشتۇرۇش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى مەنبەدىن ئۆستۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە بازارنى يېتەكچى قىلغان، كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات، يېتىشتۈرۈش - كۆپەيتىش - كېڭەيتىش بىر گەۋدىلەشكەن سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، ئۆزى يېتىشتۈرگەن زىرائەت سورتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلىرىنىڭ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى مۇقىم ئۆسۈپ، كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇنغا ئۆتۈپ، چىگىت پىششىقلاش تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى. 2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 17 مىليون 358 مىڭ توننىغا يېتىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 187 كىلوگىرام يۇقىرى بولدى. كېۋەز كۆلىمى، بىرلىك ھوسۇل، ئومۇمىي ھوسۇل، تاۋارلىشىش مىقدارى ئۇدا 28 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ، ھوسۇل مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن سالمىقى %90كە يېقىنلاشتى. باغ - ئورمان كۆلىمى ۋە ھوسۇل مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆشى، سۈت، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 2012 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %34.59، %60، %58.29 ئاشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى، يېزا ئىگىلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» تېخىمۇ مۇقىم، كۈچلۈك بولدى.

تەشكىللەش شەكلى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى

ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولدى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ يېزىلارنى ئايلانغاندا، رەتلىك سالا ئېتىزلار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەسلىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئۇششاق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئورنىنى تۈجۈپىلەشكەن باشقۇرۇش ئالغان بولۇپ، تۇپراقتىن باشلانغان بىر مەيدان ئۆزگىرىش يەككە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى تەشكىلىي شەكىل ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى مۇساپىسىگە قاتنىشىشىغا ياردەم بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا يەرلىرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى بويىچە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاپ كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش ئارقىلىق يېزا ھۆددە يېرىنىڭ كۆلىمى توغرا بولماسلىق، تۆت ئەتراپى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، يەرلەرنى ئوبوروت قىلىپ بىرلەشتۈرۈشكە شارائىت يارىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى.

«مەن بىر يىلدا ئىككى ئۈلۈش كىرىم قىلالايمەن.» ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى شاۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خەن جېڭتاۋ مۇنداق دېدى: يەر ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مەن يېرىمنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئوبوروت قىلىپ بېرىپ، ھەر يىلى يەر ئوبوروتى پايدا تەقسىماتىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزۈم يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ، يەنە بىر ئۈلۈش مائاش ئالالايمەن، يىللىق كىرىمىم 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، خەن جېڭتاۋغا ئوخشاش كۆپ ئۈلۈش كىرىم قىلىدىغان دېھقانلار شىنجاڭدا ئاز ئەمەس. شاۋفاڭجاڭزا كەنتىنىڭ يەر ئوبوروت قىلىش، ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تەشكىللەش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز 35 مىليون 620 مىڭ مو يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى، دېھقانلارنىڭ يەر مال - مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمى سىجىل ئاشتى، يېزىلاردىكى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئوبوروت قىلىنىش كۆلىمى 11 مىليون 430 مىڭ موغا يەتتى، ھاۋالىلىك باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بويىچە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەنگەن كۆلەم 45 مىليون 750 مىڭ موغا كېڭىيىپ، كۆپ خىل ئەندىزىدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ئاپتونوم رايون بويىچە يەر مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى بەس - بەستە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇش ئىشقا ئاشتى.» ئاۋات ناھىيەسى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئىلمىي باشقۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، كېۋەزنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، مو بېشى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى 400 يۈەنگە يېقىن تۆۋەنلىتىپ، مو بېشى ھوسۇلىنى 120 كىلوگىرام ئاشۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار سىياسەت، نىزاملارنى ئېلان قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، ماركا يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 31 مىڭ 500گە، ئەمەلىي ئەزاسى 400 مىڭغا يەتكەن. دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە يېزا ئىگىلىكى ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى يەككە دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى.

كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى

زەنجىرنى ئۇزارتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور بولدى

زامانىۋىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى كۆپ، ئېغىر يېزا ئىگىلىك ئەمگىكىدىن ئازاد بولۇپ، كەسىپلەر يۇغۇرما تەرەققىيات يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ھەر يىلى باش ياز مەزگىلىدە، قورغاس ناھىيەسىدىكى 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۈستىقۇددۇس تەدرىجىي ئېچىلىدۇ، گۈلچى دېھقانلارمۇ بىر يىل ئىچىدىكى مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ. «ئىلگىرى كەنتىمىز بىر پارچە تاشلىق بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ھوسۇلى ناھايىتى تۆۋەن، كىرىمىمىزمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.» قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما لىڭفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىللاردا، كەنت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى سەيلە - ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ساياھەتچىلىككە تايىنىپ، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۈستىقۇددۇس تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، يېزا ئىگىلىك سەيلىسى، ساياھەتچىلىك بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرى سىگۇڭ كەنتىدە تەدرىجىي شەكىللەندى. باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، كىرىمىنى يىلمۇيىل ئاشۇردى.

يۇغۇرما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى بىر خىل ئومۇميۈزلۈك ئىزدىنىش بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى +» كۆپ كەسىپ ھالىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. يېتەكچى كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەر يۇغۇرۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن، كەسىپ زەنجىرى مۇكەممەل بولغان بىر تۈركۈم زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپلەر باغچىسىنى قۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ توپلىشىپ، مەركەزلىشىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك 44 بازار بەرپا قىلىندى، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات» بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنت - بازىرى 100دىن ئاشتى، دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىدىن ئونى، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن تۆتى بەرپا قىلىندى، دۆلەت دەرىجىلىك ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر توپىدىن توققۇزى بەرپا قىلىندى، «ئىككى زەنجىر ئۈچ ناھىيە» مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق زەنجىر ۋە تىپىك ناھىيە قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولغاچقا، 2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى %70 دېھقان ئائىلىسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ساھەسىگە كىردى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا قاتناشقان دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %20تىن كۆپرەك يۇقىرى بولدى؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، جەمئىي 30 مىليون 580 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، تىجارەت كىرىمى 3 مىليارد 367 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %83.39، %153.83 ئاشتى.

يۇغۇرما تەرەققىيات ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، تولۇق قىممەت زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارى ۋە كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى تولۇق قېزىپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. 2021 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 514 مىليارد 312 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %70.49 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ 575 يۈەنگە يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، ئۇدا نەچچە يىل غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.