ئاقتۇ بازىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ

日期:2022年07月27日
来源:天山网
【字体:

ئاقتۇ بازىرى نوقۇنچى ئېرىق كەنتىدىكى ئاساسلىق غول يول بويىدىكى تام سىزمىلىرى

ئاقتۇ بازىرى قايچا ئېرىق كەنتىدىكى ئىناقلىق شىپاڭى

سۈرەتكە تارتقۇچى: مەمەتجان ئابلىمىت سۈرەتكە تارتىلغان ئورۇن: ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى

مېنىڭ ئىسمىم مەمەتجان ئابلىمىت، ئاقتۇ ناھىيەسىدىن، ئاقتۇ ناھىيەسى پامىر يۇلتۇزى ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى نوقۇنچى ئېرىق كەنتى يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنتتە موگۇ شياۋجېن دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈزۈش باغچىسى، بېلىق كۆلچىكى، باقمىچىلىق رايونى، بالىلار شادلىق رايونى، ساياھەت كارىدورى قاتارلىقلارنى قۇردى، بۇ ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى يېزا ـ كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

موگۇ شياۋجېن دېھقانلار ئارامگاھى بۇ يىل 3 ـ ئايدا تىجارەت باشلىدى، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن موگۇ شياۋجېن دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ دىرېكتورى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدىم. بىزنىڭ بۇ يەردە يېمەك ـ ئىچمەك، ئۈزۈش، ئىستىراھەت ـ كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار، ھەپتە ئاخىرىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. دېھقانلار ئارامگاھى يەنە شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ئاقتۇ بازىرى يەنە مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، يوللارنى راۋانلاشتۇردى، كەنت ئىچىدىكى ئاساسلىق غول يول تاملىرىغا نۇرغۇن تام سىزمىلىرىنى سىزدى.

ئاقتۇ بازىرى بارغانسېرى جەلپكار بولۇپ كەتتى، مېنىڭ كەيپىياتىممۇ بارغانسېرى ئازادە بولدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاقتۇ بازىرىغا كېلىپ سەيلە ـ تاماشا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا رەتلىگەن)