شىخودىكى «ئىگىلىك تىكلەشتىكى ماھىر كېلىن»نىڭ بېيىش يولىدا سۈتنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

日期:2022年07月22日
来源:天山网
【字体:

تارباغاتاي ۋىلايىتىشىخو شەھىرى ئاھالىسىبۇلبۇلخان يىراق-يېقىنغا داڭلىق «ئىگىلىك تىكلەشتىكى ماھىر كېلىن». 2018-يىلى، بۇلبۇلخان شۇ جايدىن چىقىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ناھايىتى بازارلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇنىڭدا مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى قولدا ياساش دۇكىنى ئېچىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياساشئارقىلىق بېيىش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ ئەتراپتىكى دېھقانلاردىن ئەنئەنىۋى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى قولدا ياساش ئۇسۇلىنى ئۆگەندى، ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمى ساپ بولۇپ، شىخوشەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-بازارلاردىكى نۇرغۇن ئاشخانا، دېھقانلار ئارامگاھى ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مۇددەت مالتەمىنلەش ھەمكارلىقى ئورناتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇلبۇلخان ياسىغان قۇرۇت، سېرىق ماي، قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى شۇ جايدىكى دېھقانلار، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تارباغاتاي، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردا سېتىلماقتا.

(ئىختىيارىي مۇخبىر شالقار)

7-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇلبۇلخان(سولدا) مەززىلىك يېمەكلىكلەرنى قولدا ياساش دۇكىنىدا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ياسىماقتا.

سېتىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇلبۇلخان يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن بەش ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى