«گۈزەللىك ئىقتىسادى» يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى

日期:2022年07月08日
来源:天山网
【字体:

بۆگدۆر كەنتىدە:

«گۈزەللىك ئىقتىسادى» يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى

ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىدىكى رەيھانگۈل دېڭىزى (6 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق مەزمۇننى كۆرۈڭ

[ئىستون سۆزى]

تومۇز كۈنلىرىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ھەر يەردە رەڭگارەڭ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، چىرايلىق تۈسكە كىردى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان كەنت» سەھىپىسىنى ئاچتى، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتقان يېڭى يېزىلارغا بېرىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ھويلا ـ ئارانلارغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە گۈلدەك تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن پەيتلەرنى تۇتۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە يېزىلاردا بولغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ياخشى ئۇسۇللىرى ۋە يېڭى تەجرىبىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

6 ـ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتىگە كېلىپ، كوچا دوقمۇشلىرىدا گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ھويلا ئارانلىرىنىڭ رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولغانلىقىنى، ھەتتا كوچا بويىدىكى تاملارغىمۇ پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتىرگۈللەرنىڭ سىزىلغانلىقىنى كۆردۈم. كەنت بېشىدىكى 800 مودىن ئارتۇق ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان خۇش پۇراق رەيھان گۈللىرى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى.

«بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىمۇ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، بۆگدۆر كەنتى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بىر كەنت» دېدى بۆگدۆر كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دەن.گاۋۋا.

بۆگدۆر كەنتى ئارشاڭ ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇپ، ئەتراپىغا دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بۆگدۆر شېڭچۈەن مەنزىرە رايونى، بورتالا دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئارشاڭ ناھىيەسى سوغۇق سۇ بېلىقى باغچىسى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت بايلىقى توپلانغان. 2021 ـ يىلى، كەنت 10 مىليون يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە كەنت بەرپا قىلدى، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكى ئىلگىرىكى بۇ چارۋىچىلىق كەنتىنى يېپيېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى.

كەنتكە كىرگىنىمدە، كالون مەدەنىيىتى كۆزىتىش مۇنارى يول ئېغىزىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پاكار ياغاچ رېشاتكىلار ۋە لاي سۇۋاق تاملار بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، شېغىل ياتقۇزۇلغان يول پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى...«ھازىر كەنتىمىز پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك خۇش پۇراق چېچىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، نۇرغۇن كىشىلەر گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇراش ئۈچۈن كېلىدۇ» دېدى بۆگدۆر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان كۈلۈپ تۇرۇپ.

كەنت بېشىدىكى «مەدەنىيەت ئىجادىيەت كىچىك ھويلىسى»نىڭ توپا رەڭلىك لاي سۇۋاق تېمىغا قۇچىقىدا بىر بوۋاقنى كۆتۈرۈۋالغان ئايالنىڭ ئەتىرگۈللەر ئارىسىدا كالون تەرەپكە قاراپ تۇرغان، گۈل بەرگىلىرى شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈش سىزىلغانىدى. «ئەتىرگۈل 200 نەچچە يىل ئىلگىرى غەربكە كۆچكەن چاخار چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئوفېتسىر ـ ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان» دېدى «مەدەنىيەت ئىجادىيەت كىچىك ھويلىسى»نىڭ باشقۇرغۇچىسى لى يۈجيې.

لى يۈجيې كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «چولپانگۈل». ئۇ بەرپا قىلغان بۆگدۆر كەنتى «مەدەنىيەت ئىجادىيەت كىچىك ھويلىسى» ئون نەچچە خىل مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھويلىدىكى «مەنشىگۇاڭ كىچىك مەيخانىسى» ياشلار جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلاندى. «بۇلتۇر، مەن دوستۇم بىلەن ئارشاڭ ناھىيەسىگە ساياھەتكە كېلىپ، بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتىم.» لى يۈجيې مۇنداق دېدى: بۇ يەردە تاغ بار، سۇ بار، مەدەنىيەت ئاساسى بار، مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.

«مەدەنىيەت ئىجادىيەت كىچىك ھويلىسى» بىلەن بىر يول ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغان «بىزنىڭ كىچىك ھويلىمىز»نىڭ باشقۇرغۇچىسى جۇ شېڭجۈەن كەنتتە ھەممەيلەن بىردەك ئېتىراپ قىلغان «بېيىش گۈلى». چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، كىچىك ھويلىدىكى سەككىز ئايرىمخانىدىن خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «ھەر كۈنى بۇ يەر مېھمانغا لىق تولىدۇ، ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتلاردا بىر كۈندە 10 مىڭ يۈەن تاپالايمەن، كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگىنىم ھەقىقەتەن توغرا تاللاش بوپتۇ». ئايرىمخانىلار ئارىلىقىدا مېھمان كۈتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان جۇ شېڭجۈەن ئىنتايىن خۇشال ئىدى.

2021 ـ يىلى، ناھىيە بازىرىدا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنى ئاچقان جۇ شېڭجۈەن كەنتكە قايتىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، ئۇنىڭ سودىسى خۇددى ھويلىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئاپتاپپەرەس گۈلىدەك ياخشى بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، بەس ـ بەستە دېھقانلار ئارامگاھى ۋە ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۆگدۆر كەنتىدە 50 نەچچە ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى دېھقانلار ئارامگاھى ۋە ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا، ئۇلار ھەر كۈنى 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ، 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۆگدۆر كەنتىنىڭ غەربىي بېشىدىكى 800 مودىن ئارتۇق خۇش پۇراق رەيھانگۈللىرى پات ئارىدا ئېچىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. 31 ياشلىق دەن.گاۋۋا يان تېلېفونىنى تۇتقىنىچە گۈلزارلىقتا تۇرۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، «يەنە 20 نەچچە كۈن ئۆتسە، بۇ يەردىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ گۈل دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، سىلەرنىڭ بۇ يەرگە جەزمەن كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز» دېدى.