«چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇردى

日期:2022年07月07日
来源:天山网
【字体:

بۇرچىن:

«چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇردى

زۇمرەتتەك سۇلار ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېرتىش دەرياسى «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» بۇرچىندىن كېسىپ ئۆتىدۇ (6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ سۇڭ شۇچى فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شۈ چىڭگۇاڭ، جاڭ تىڭ

«ئەڭ گۈزەل قارلىق كەنت» ئەلامان، «چېگرا رايوندىكى بېلىقچىلىق يۇرتى» چىلىتەن، «خاس كەنت» چۇڭقۇر، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىنى ناھايىتى مەپتۇن قىلىدۇ؛ قەلئە، مۇنارسىمان بىنا، قىزىل ئۆگزىلىك ئۆيلەر، بۇ يەردىكى ئىمارەتلەر ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلىدۇ. بۇرچىننىڭ ئەزەلدىن «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن نامى بار بولۇپ، مەنزىرە بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان، شەھەر بىلەن يېزا ئۆزئارا سىڭىشكەن، كەسىپلەر بىلەن شەھەر ئۆزئارا سىڭىشكەن، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان − بۇ كىچىك شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى مۇستەھكەم.

«چۆچەك» گۈزەللىكىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش

بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن دەرياسى ئېقىپ ئۆتكەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

سەھەر سائەت 6:00دە، سىرلىق قەلئە ۋە نەپىس سېلىنغان ئۇچلۇق مۇنارسىمان بىنالار تەدرىجىي ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى، چۆچەك ئۇسلۇبىغا ئىگە شەھەر ئىمارەتلىرى تاڭ نۇرىدا ئويغاندى؛ كېچىدە، ھەرقايسى چوڭ سودا چەمبىرەكلىرى رەڭدار تۈسكە كىرىدۇ، يول بويىدىكى زېرەكچاق شەكلىدىكى رەڭلىك چىراغلار، رۇسىيە قاپلىما قونچاق شەكلىدە سېلىنغان كىچىك ئۆيلەر چۆچەك كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

«چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن بۇ ماركىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى تىرىشىپ ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، مەنزىرىسى گۈزەل شەھەر - بازار مۇھىتى بەرپا قىلدى.

چۆچەك رومانتىكلىققا تولغان بولىدۇ. ئېرتىش دەرياسى، بۇرچىن دەرياسى، چىسەيخې دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ دەريا، ئالتە قىرغاققا تايىنىپ، بۇرچىننىڭ شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى. شەھەر - بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق تاغ باغرى، سۇ بويىغا جايلاشقان «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» تېخىمۇ ئازادە، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، رومانتىك، ئىللىق تۈسكە كىرىپ، ئالتاي تېغى باغرىغا نەقىشلەنگەن بىر مەرۋايىتقا ئايلاندى.

چۆچەك يەنە قىزغىنلىققا تولغان بولىدۇ. بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ جەنۇب - شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدىغان چىسەيخې دەرياسى ئىلگىرى بىر كىچىك ئېرىق ئىدى، ھازىر ئېكولوگىيەنى قوغداش، دەريا يوللىرىنى تۈزەش، شەھەردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، دەريالارنى تۇتاشتۇرۇش، يېشىللىقنى كۆپەيتىش - يېشىللىقنى قوغداش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر ئارام ئېلىش ساياھەت ئىستىراھەت رايونىغا ئايلىنىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق ياخشى مۇھىت ۋە شەھەر تەرەققىيات بوشلۇقىنى يارىتىپ، بۇرچىن كېچىلىك ئىقتىسادىنى «قوزغىتىدىغان» يېڭى موتورغا ئايلاندى.

بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم جاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇرچىن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مەنزىرە بىلەن شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش قۇرۇلۇشى، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى، مېھمانساراي - ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى، مۇھىت كەيپىياتى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىپ، «چۆچەك» ئامىللىرىنى تېخىمۇ كۆپ سىڭدۈرۈپ، «چۆچەك» گۈزەللىكىنى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇردى.

«چۆچەك» كەبى بەختلىك تۇرمۇش

پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر»نىڭ چىن مەنىسىدۇر.

شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى نىشان، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ئاساسىي رەڭ، «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر»نى ئاساس قىلىپ، بۇرچىن ناھىيەسى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېكولوگىيەسى گۈزەل، پۇقرالىرى باياشات بولغان بىر پارچە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقماقتا.

«جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر خاس كەنتى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن چۇڭقۇر بازىرى قىزىلقايىڭ كەنتىنىڭ ھاۋاسى ساپ، ئاسمىنى كۆك، كىچىك ئېقىنلىرىدا سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، گۇگۇمدا يېقىلغان گۈلخانلار ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى ساياھەتچىلەرنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.

كەنت ئاھالىسى جەزىيگۈل نەسرۇللانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، پورەكلەپ ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرنى، توپ - توپ توخۇ، ئۆردەكلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. «بۇ يەرنىڭ تاغ سۈيى سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، كىشىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى كۆتۈرىدىكەن، خۇددى سېھىرلىك مەنزىرىگە ئوخشايدىكەن» دېدى گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى لى فېڭ. ئائىلىسىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغاندا، جەزىيگۈل خۇشال ھالدا كۈلۈمسىرەپ: «ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كەلدى، بىر كۈندە 20دەك كىشىنى كۈتۈۋالالايمىز» دېدى.

جەزىيگۈلگە ئوخشاش ساياھەت ئالتۇن قاچىسىنى كۆتۈرگەن دېھقان - چارۋىچىلار بۇرچىن ناھىيەسىدە يەنە ناھايىتى كۆپ. بۇرچىن ناھىيەلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خەن بو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇرچىن ناھىيەسى ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا - كەنت ساياھەت ماركىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم خاس يېزا - كەنت ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، دېھقانچىلىق رايونىنى مەنزىرە رايونىغا، دېھقانلارنى پايچىكقا، مەھسۇلاتلارنى تاۋارغا، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى ئائىلىۋى مېھمانخانىغا، بىر پەسىلنى تۆت پەسىلگە ئايلاندۇرۇپ، «100 كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، 10 مىڭ ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»تەك يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ناھىيە بويىچە ساياھەتچىلىككە تايىنىپ بىۋاسىتە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 5500دىن، ۋاسىتىلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 15 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ %50ىنى ئىگىلىدى، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئۇنىۋېرسال كىرىم دېھقان - چارۋىچىلار ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

بۇرچىن ناھىيەسى يەنە شەھەر - بازار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېزا - كەنتلەرگىچە ئۇزارتىشقا، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى قاپلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بۇرچىن ناھىيەسى چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاققا كۆچۈش يولىغا 12 «بەخت ئۆتىڭى» قۇرۇپ، داۋالاش ئۆيى، مۇنچا، مال دوختۇرلۇق ئۆيى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى، يايلاق كۆچۈش يولىدا بۇ يەردىن ئۆتىدىغان دېھقان - چارۋىچىلار بۇ يەردە ھەقسىز ئارام ئالالايدۇ، تاماق يېيەلەيدۇ ۋە يۇيۇنالايدۇ. مىڭ چاقىرىملىق يايلاق كۆچۈش يولى بۈگۈنكى كۈندە بەخت داغلام يولىغا ئايلاندى.

كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق «چۆچەك» يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

ئۆز ئەۋزەللىكىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر»نىڭ مۇھىم سەھىپىسى.

ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 - كەسىپكە تۈرتكە بولۇپ، 2 - كەسىپكە تىرەك بولۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى چارۋىچىلىق، يېشىل سانائەت تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» بۇرچىننىڭ يېڭى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئورۇن بېكىتىلىشىدۇر.

تەڭداشسىز تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت بايلىقىغا، بولۇپمۇ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك «ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىش» ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇرچىن ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيە پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ھاجەتخانا»دىن ئىبارەت پۈتۈن ئامىلنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تارتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

ساياھەتچىلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن زورايتىش، كۈچەيتىش بىلەن بىللە، بۇرچىن ناھىيەسى ئەلا سۈپەتلىك دادۇر ئۇرۇقى ئىشلەش، كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سودا كەسىپ زەنجىرىنى قۇرۇپ، جىغان كۆچىتى يېتىشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مىنېرال سۇ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى. دېھقانچىلىق رايونىدا چارۋىچىلىقنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم باقمىچىلىق بازىلىرىنى قۇردى؛ ئوتلاق چارۋىچىلىقىدا ماركا يارىتىش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يايلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ناھىيەسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، «چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كۆپەيتىش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بورداش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆپەيتىش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا بورداش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. سۇ، شامال، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ بويىچە يېشىل، كاربونسىز تەرەققىيات يېڭى ئېگىزلىكى، يېڭى ئۈلگىسى، يېڭى ئۆرنىكىنى بەرپا قىلدى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» ئورۇن بېكىتىشىنى چۆرىدەپ، بۇرچىننىڭ ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى كۈندىن - كۈنگە مۇۋاپىقلاشتى، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتتى.

ئادىمىيەت گۈزەللىكى ئارقىلىق «چۆچەك» ئېففېكتىنى ئۇزارتىش

«بۇرچىننىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى جەھەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىكەن» دېدى بىر ساياھەتچى جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا.

بۇرچىن − قىزىل گېنغا ئىگە چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر. جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى سۇ تىرانسپورت خاتىرە سارىيى ۋەكىللىكىدىكى قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىدا ئۇنتۇلغۇسىز قىزىل ھېكايىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مەدەنىيەت ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش. ساياھەت ئارقىلىق شەھەرنى گۈللەندۈرگەن بۇرچىن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىمىيەت گۈزەللىكى ئارقىلىق «چۆچەك» ئېففېكتىنى ئۇزارتتى.

«كىتابخۇمار بۇرچىن» قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. بۇرچىن ناھىيەسى جىنشەن بىلىم يۇرتى مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە يەر بەلگىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش قۇرۇلۇشى»نى ئالغا سىلجىتىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، يېزىش، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق مەدەنىيەت ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت يۇرتى ئاممىۋى مەدەنىيەت چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى كىتاب ئوقۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«مودا بۇرچىن» كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. «بۇبۇ»، «جىنجىن»، «شياۋجىنلىڭ»دىن تەركىب تاپقان «جىنلىڭ ئائىلىسى» كېچە مەنزىرىسىدە سەبىي ۋە يېقىملىق تۈستە نامايان بولۇپ تۇراتتى، چىسەيخې دەرياسىدا، ئاق قۇ كۆۋرۈكى، قاناس كۆۋرۈكى، تويىڭ كۆۋرۈكى، دوستلۇق چوققىسى كۆۋرۈكى ئوخشاش بولمىغان ھەم گۈزەل مەنىلەرگە تولغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر جەزمەن بارىدىغان جاي بولۇپ قالغانىدى.

«ئاقىل بۇرچىن» بۆسۈش ھاسىل قىلدى. تورلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بۇرچىندا رەقەملىك ھۆكۈمەت، رەقەملىك ئىقتىساد، رەقەملىك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردە تېز قوللىنىلدى، ئاقىل ئېكولوگىيە، ئاقىل ساياھەت، ئاقىل شەھەر، ئاقىل چېگرا مۇداپىئەسى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ئاقىل قاتناش، ئاقىل داۋالاش، ئاقىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى... شۇنچە كۆپ شان - شەرەپنىڭ مۇجەسسەملىنىشى بۇ كىچىك شەھەرنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى شۇنداقلا ئۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلماقتا.

«نەپىس ھەم گۈزەل، راھەت ھەم ئازادە، سۇ سىستېمىسى بىلەن ئورىلىپ تۇرغان، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلگەن، زامانىۋى ھەم مەدەنىي» بولۇش بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدىكى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئورنىنى بېكىتىشىدۇر. «بىز پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، <چوڭ ساياھەت> تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزىمىز.» بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى پېڭ كاڭ مۇنداق دېدى: «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، مەنزىرە - شەھەر بىر گەۋدىلەشكەن شەھەر 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىلى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىنى يارىتالايمىز، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.