ناھىيە-شەھەرلەرگە بېرىپ تەرەققىياتقا نەزەر سېلىش | بۇ گۇرۇپپا سۈرەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ساۋەننى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ

日期:2022年06月28日
来源:天山网
【字体:

بەلكىم، سىزنىڭ ساۋەنگە بولغان دىققىتىڭىز، بىر تەخسە «داپەنجى» يېيىشتىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن. ۋە بەلكىم ليۇ لياڭچېڭ ئەپەندىنىڭ «بىرلا ئادەملىك كەنت» دېگەن ئەسىرىنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن.

ساۋەن، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدۇ، سانجى، شىخەنزە، كۈيتۈن، مايتاغ، شىخو قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ قوشنىسى ھەم «يېقىن دوستى» ھېسابلىنىدۇ.

ساۋەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ «ياش» ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر —— 2021-يىلى ناھىيە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ھەم مول تارىخىي ئاساسقا ئىگە، يېڭى دەۋر تەرەققىيات جاسارىتىگە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولغان شەھەر.

ساۋەن، «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى»، ساۋەندە كېۋەز، كۆممىقوناق، بۇغداي، لازا قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ساۋەن، «جۇڭگو لازا يۇرتى» بولۇپ، يەنسىخەيدىكى لازا قۇرۇتقان كۆرۈنۈشلەر داڭلىق كۆرۈنۈش ھېسابلىنىدۇ.

ساۋەن، «دۆلەتلىك باغ-ئورمان ناھىيە بازىرى». بۇ شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن يولغا چىقىپ، پىيادە 15 مىنۇت ماڭسىڭىزلا بىر شەھەر ئاھالىلىرى ئىستىراھەت مەيدانىغا بارغىلى بولىدۇ. چوڭ-كىچىك ئون نەچچە يېشىللىققا تولغان مەيدان، دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، گېئولوگىيە باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى... ئىناق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان يۇرت-ماكاننى شەكىللەندۈردى.

بۈگۈن، بىز بىر گۇرۇپپا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەتلەر ئارقىلىق، ساۋەننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىمىز.

بۇ گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ساۋەننى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ