شاپتۇل، مالىنا، ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبى شادلىققا تولدى

日期:2022年06月24日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 20-كۈنى، باغۋەنلەر مالىنا ئۈزمەكتە.

لەن لىڭ فوتوسى

تومۇز ياز پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پىشىشقا باشلىدى، ئوچۇق ھاۋا بىلەن تەڭ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مېۋە-چېۋىلەرگە قاراپ باغۋەنلەرنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. ساۋەن شەھىرى داچۇەن يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتىنىڭ خاس باغ-ئورمان تېرىقچىلىق بازىسىغا كىرسىڭىز، قىپقىزىل مالىنالار شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ،خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى باغۋەنلەرنىڭ مالىنا ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە.

لەن لىڭ فوتوسى

مالىنادىن مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ساۋەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ داچۇەن يېزىسى سەنداۋگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئېتىز-ئېرىقلارغا بېرىشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مېۋە ئۈزۈشى، ئايرىشى، يەشىكلەرگە قاچىلىشى، مالىنانى سوغۇق ساقلىشىغاياردەم بەردى ھەم دوستلار چەمبىرىكى، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق 200 قۇتىدىن ئارتۇق مالىنا سېتىپ، باغۋەنلەرنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا كۈچ قوشتى.

مول ھوسۇل ئېلىنغان مالىنانىڭ تەمى، رەڭگى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

لەن لىڭ فوتوسى

بىر باغۋەن ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى ئاقيار كەنتىدە شاخ گۈلىسى ئۆرۈكىنىئۈزمەكتە.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

دېھقانلار ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق بازىرى ئاقيار كەنتىدە شاخ گۈلىسىئۆرۈكىنى ئايرىماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، باغۋەن فېڭ رۈنرۈن ئائىلىسىنىڭشاپتۇللۇقىدا توغاچ شاپتۇل ئۈزمەكتە.

زېڭ جاۋمېي فوتوسى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ساۋەن شەھىرى سەندوخوزا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بالدۇر پىشىدىغان توغاچ شاپتۇل، توغاچلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، باغۋەنلەر ئۈزۈش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، باغۋەن فېڭ رۈنرۈن ئۈزگەنتوغاچ، توغاچ شاپتۇللارنى ئېلىپ ماڭماقتا.

زېڭ جاۋمېي فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى