كەنتتىكى «تاتلىق زاۋۇت» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شېرىن ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

日期:2022年06月22日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن، پىراكتىكانت زېڭ چۈەنفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ يۈن خەۋەر قىلىدۇ)ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە، ئابلەھەت ساۋۇت ئۆزىنىڭ ناۋات زاۋۇتىغا دەل ۋاقتىدا كېلىپ، كۈندە قىلىدىغان تۇنجى ئىشى قىيام قاينىتىشنى باشلايدۇ.

ئابلەھەتنىڭ زاۋۇتى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى تاغارچى يېزىسىنىڭ ئاقسۇ پاراچ كەنتىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 158 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ھەر ئايدا ئىككى توننا ناۋات ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ يەرنى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى «تاتلىق زاۋۇت» دەپ ئاتايدۇ.

«تاتلىق زاۋۇت»تا ياساپ چىقىلغان نۆكچە ناۋاتلار.

​ئىختىيارىي مۇخبىرى دەي ۋېي فوتوسى

ناۋات، شىنجاڭ خەلقى ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغانيېمەكلىك، ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، ساھىبخان دائىم دەملەنگەن چايغا بىر پارچە تاتلىق ناۋات سېلىپ مېھمانلارغا سۇنىدۇ.

ئابلەھەت ناۋات ياسىيالايدۇ، ئىلگىرى ئۇ ناۋات زاۋۇتى قۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ كەمچىل، پىششىقلايدىغان ئورۇنمۇ بولمىغاچقا، «تاتلىق چۈش»ىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى.

جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت-خىمىيە شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئابلەھەتنىڭ بۇ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاز سوممىلىق قەرز ئىلتىماس قىلىپ بەردى ھەمدە قوتاننى زاۋۇت ئۆيى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ناۋات ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

2018-يىلى، ناۋات زاۋۇتىنىڭيېپيېڭىزاۋۇت ئۆيى كەنتتە قەد كۆتۈردى، تال-تال نۆكچە ناۋاتلار پىششىقلاپچىقىلغاندا، ئابلەھەتنىڭ قەلبىشېرىن تۇيغۇلارغا چۆمدى.

بۇ بىرنەچچە يىلدا، «تاتلىق زاۋۇت»تا ئىشلەپچىقىرىلغان ناۋات بارغانسېرى ياخشى سېتىلىپ، مەھسۇلات ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالدى، زاۋۇت يەنە سەككىز كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«ھازىر ھەر ئايدا مائاش ئالىمەن، يەنە ھۈنەر ئۆگىنىۋالدىم، ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىمدىمۇ زاۋۇتتىكى ئىشلارغا يېتىشەلەيمەن» دېدى ناۋات ياساش ئىشچىسى ئاباجى مەمەت خۇشال ھالدا.

بۇ يىل، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە «تاتلىق زاۋۇت»قا مەبلەغ ئىلتىماس قىلىپ، يېڭىدىنئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى كۆپەيتىپ، زاۋۇتنىڭ ناۋات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.