​ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قەيەردىن كەلگەن

日期:2022年06月13日
来源:天山网
【字体:

شايار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىش −

​ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قەيەردىن كەلگەن

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ

مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان شايار ناھىيەسىدىكى كېۋەزلىككە كىرگىنىمدە، بوشلۇقتا تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇۋاتاتتى، يەر يۈزىدە دورا پۈركۈش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، 2000 مو يەرگە دورا پۈركۈش مەشغۇلاتىنى ئىككى ئادەم بىر كۈندىلا قىلىپ بولالايدۇ.

«2000 مو يەرگە دورا پۈركۈش ئۈچۈن ئىلگىرى يەتتە - سەككىز تىراكتور، ئوندەك ئادەم كۈچى كېتەتتى.» شايار فۇمىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما باڭخېڭ مۇنداق دېدى: تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ۋە دورا پۈركۈش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، %50 تەننەرخ تېجەپ قېلىندى.

پاختا كۆپ چىقىدىغان ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، شايار ناھىيەسى «ئېتىز - ئېرىقلارنى تولۇق تەرتىپكە سېلىش، سۇغىرىش، زەي چىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئېتىز يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئېتىز - ئېرىق، ئورمان تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى بىرقەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، 1 مىليون 250 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى، ئاقىللاشتۇرۇش مەشغۇلاتى پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى.

دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شايار ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى بىرنەچچە يىل ئىلگىرىلا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىغانىدى، بەزى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ئۆز ئائىلىسىنىڭ تېرىقچىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىللە، سىرتقا قارىتا مەشغۇلات قىلىشنى ئۈستىگە ئالدى. 2009 - يىلى، ما باڭخېڭ باشلامچى بولۇپ بەش كەنت ئاھالىسى بىلەن ئۆزلىرىدە بار بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىغا تايىنىپ شايار فۇمىن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، يېڭىدىن سېتىۋالغان تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەڭ ياخشى ئېلانىغا ئايلاندى، قۇرۇلغان يىلىلا 6000 مو يەرگە ئۇرۇق سېلىش مەشغۇلاتىغا ئائىت زاكازنى قوبۇل قىلدى. 2013 - يىلى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭ بويىچە ماشىنىدا پاختا يىغىۋېلىشنى كېڭەيتىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولۇپ باھالاندى، 2016 - يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوپىراتىپى بولۇپ باھالاندى.

تۈجۈپىلەپ تېرىش، تېز ئوغۇتلاش، ئېھتىياجغا قاراپ دورا پۈركۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پاختا يىغىۋېلىش، ئادەمنى ئىلمىي ئىشلىتىش، تەننەرخنى تېجەش ئۇسۇلى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ما باڭخېڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر يېزا ئىگىلىكى بارغانسېرى ئاقىللاشتى، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدا تېرىغاندا بىر قېتىمدا تۆت - بەش تال ئۇرۇق سېلىناتتى، مايسا ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن يەنە ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئارتۇق مايسىنى تاقلىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى. تۈجۈپىلەپ تېرىيدىغان ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى بىر قېتىمدا پەقەت بىر تاللا ئۇرۇق سالىدىغان بولۇپ، بىر مو يەردىن ئۈچ كىلوگىرام ئۇرۇقنى تېجىگىلى بولىدۇ، يەنە ھەر مو يەردىن 15 يۈەن مايسا تاقلاش ھەققىنى تېجىگىلى بولىدۇ».

ما باڭخېڭ شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ 80 نەچچە مو يېرى بار، كىچىك ۋاقتىدىكى ئېتىزدا پاختا تەرگەن ئەسلىمىلىرى ئۇنىڭدا ھازىرغىچە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. «بېلىمنى ئېگىپ بىر كۈن جاپا تارتساممۇ، ھېچقانچە پاختا تېرەلمەيدىكەنمەن، ماشىنا ئادەم بولغان بولسا ياخشى بولاتتى!» بۇ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئويلىغان ئىش ئىدى.

ماشىنا ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ماشىنا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ما باڭخېڭنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى. 2017 - يىلىدىن باشلاپ، شايار ناھىيەسى يەرنى كەڭ كۆلەمدە ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، كىچىك ئېتىزلارنى چوڭ سالا ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتى خېلى بۇرۇنلا ئىتتىپاق كەنتىدىن چىقتى.

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مۇخبىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدا 56 ماشىنا بارلىقىنى، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، ئوغۇتلاش، يەر ھەيدەش، تىرنىلاش، دورا پۈركۈش، تېرىشتىن تارتىپ يىغىشقىچە، كېۋەز تېرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.

«كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئون يىل ئىلگىرىلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇ بىرقانچە يىلدا ئۈسكۈنىلەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلدى.» ما باڭخېڭ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتورنى كۆرسىتىپ، يان تېلېفونىدىكى سىننى ئاچتى، كۆرۈنۈشتە تىراكتورلار ئېتىزلىقتا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئوغۇتلاشتىن تارتىپ يەر ئاغدۇرۇش، تىرنىلاش، دورا پۈركۈش، تېرىشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدە تىراكتور شوپۇرسىز ھەيدەلگەنىدى.

«A نۇقتىدىن B نۇقتىغا ئورۇن بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، تىراكتور ئۆزى ماڭىدۇ، 500 مېتىردا خاتالىق پەرقى ئىككى سانتىمېتىرغا يەتمەيدۇ، بىر كۈندە 150 مو يەرگە ئۇرۇق سېلىش، تېمىتىپ سۇغىرىش، سولياۋ يوپۇق يېپىشنى بىر قېتىمدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ، ئىلگىرى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بىر ھەپتە كېتەتتى» دېدى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شوپۇرى ما مىڭجۈن.

ئەڭ يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئۈچۈن، ما باڭخېڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرەتتى. ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدا توختىتىپ قويۇلغان بىر قاتار چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنى ئۇ 2015 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىدىن سېتىۋالغان. «بۇ پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى بىر كۈندە 500 مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋالالايدۇ، بۇ 1500 ئادەمنىڭ ئىش مىقدارىغا باراۋەر» دېدى ما باڭخېڭ.

بۇنداق پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسىدىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا سەككىزى بار بولۇپ، پاختا يىغىۋېلىش پەسلىدە 80 مىڭ مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋالالايدۇ. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلارنىڭ پاختا يىغىۋېلىش تىجارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بۇ يىل، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭىدىن سېتىۋالغان مەھەللىۋى ئوغۇت چېچىش ماشىنىسى، تۈجۈپىلەپ تېز ئوغۇت چېچىش ماشىنىسى يەر تېرىشتىكى باش رولچىغا ئايلاندى. «بۇ ئىككى ماشىنا ئارقىلىق ئوغۇت چېچىش كەڭلىكى، چېچىش مىقدارىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ، يەنە ماشىنا سۈرئىتىگە ئاساسەن ئاپتوماتىك تەڭشىگىلى بولىدۇ، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى، چېچىشى تېخىمۇ تەكشى بولىدۇ، 500 مو يەرنى ئەسلىدە بىر كۈندە تاماملىغىلى بولاتتى، ھازىر تۆت سائەتكە قىسقاردى، مەشغۇلات قىلىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى» دېدى ما باڭخېڭ.

ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 56 ماشىنا بولسىمۇ، لېكىن ئاران 23 شوپۇر بار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى ئادەتتە كۆپ ۋەزىپىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

دورا پۈركۈش ماشىنىسىنىڭ شوپۇرى چېن ۋەنچىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئۇنىڭ ئاساسلىق كەسپى پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ھەيدەش بولۇپ، ئايلىق مائاشى 60 مىڭ يۈەن. ھەر يىلى پاختا يىغىۋېلىش پەسلى پەقەت ئىككى ئاي بولىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ يەنە دورا پۈركۈش ماشىنىسى، سۈنئىي ھەمراھلىق يەر تۈزلەش ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ، ھەر يىلى توققۇز ئاي ئىشلەپ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، يەنە 20 مىڭ يۈەن يىللىق مۇكاپاتى بار. «شوپۇرلارنىڭ يىل بويى قىلىدىغان ئىشى بار، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ ۋاقىتلىق ئىشلىتىدىغان ئادەم ئىزدەش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى» دېدى ما باڭخېڭ.

شايار ناھىيەسىدە بۇنداق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن جەمئىي 78ى بار، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىراكتوردىن 599ى سەپلەنگەن، يۈرۈشلەشكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىدىن 1561ى بار بولۇپ، ئومۇمىي مۈلكى 567 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، پۈتۈن جەريانلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى - جابدۇقلىرى ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىقلارغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى، شايار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «پۈتۈن جەريان قاپلانغان، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق، مېخانىزمى جانلىق، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن، كاپالىتى كۈچلۈك» بولغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ.